باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ياشلىق باھارىدىكى يۈز سىكونت» مىكرو كىنوسى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى

2016.05.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1980-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان 12 ياش بىر ئاي سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن «ياشلىق باھارىدىكى يۈز سېكونت» ناملىق مىكرو كىنو شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە كۈرەشلىرىنى خاتىرىلەپ بەردى.

  شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ زالىدا 30-ئاپرېل جامائەتچىل مىكرو كىنو «ياشلىق باھارىدىكى يۈز سېكونت» رەسمىي تورغا چىقىرىلدى، كىنودىكى باش قەھرىمانلار نەق مەيداندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ھېكايىلىرىدىن بىرلىكتە بەھىرلەندى.

  بۇ كىنوغا شىنجاڭنىڭ ئوخشىمىغان ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈچ ياش ۋەكىل تاللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى، كۈرەشلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

  بۇ ياشلار شىنجاڭنىڭ كوچا ئۇسسۇلىدىكى باشلامچى شەخس پۇكەي، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى بىلەن مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەسنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق ياراتقان گۈزەل قىز جيا يالىڭ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مىكرو كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى MV مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسقەر ئەكبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئەسقەر ئەكبەر «ياشلىق باھارىدىكى يۈز سېكونت» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى. ئەسقەر ئەكبەر مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئەسىرىمنى 4-ماي ياشلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن، مەن بۇ قىسقا يۈز سىكونت ئارقىلىق، دۇنياغا شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئۈمىدۋارلىقى، ياشلىق باھارىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشنى ئويلايمەن.

  شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خەن جىڭجىڭ بۇ مىكرو فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ كىنودا شىنجاڭ، ياشلىق باھارى خاتىرىلىنىپتۇ، مەن كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم، مەن ماڭا ئوخشاش بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ شىنجاڭ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئېسىل ياشلىق باھارى ۋە ياشلىق قۇۋۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر