باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا نېپىز سۇلياۋ يوپۇق ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىندى

2016.05.03 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-مايدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى نېپىز سۇلياۋ يوپۇق بىلەن خوشلاشتى، بۇندىن كېيىن نېپىز سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاب، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئېتىزلىقلاردا ئاق بۇلغىما تىزگىنلىنىدىغان بولدى.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى سۇلياۋ يوپۇقلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلابلىق قىلىپ، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەرنى جازالاش ئۆلچىمى ئېنىق بەلگىلەندى، يىغىۋېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كارخانىلارغىمۇ جەرىمانە قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى، باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەۋە مەسىلىلەرنىڭ مەمۇرىي، جىنايى ئىشلار ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان، ئېلىمىز سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى ھەمدە كۆممە قوناق، كېۋەز، يەر ياڭىقى، كۆكتات، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەردە تەدرىجى قوللاندى، بۇ تېخنىكا ئېلىمىز دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، ئېرىشكەن ئىقتىسادىي ئۈنۈممۈ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاق ئىنقىلاب» دەپ ئاتالدى.

  ئەمما، سۇلياۋ يوپۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. سۇلياۋ يوپۇق يۇقىرى مولىكۇلالىق ھېدروكاربونلۇق بىرىكمە، تەبىئىي مۇھىتتا ئاسانلىقچە پارچىلانمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قالدۇقلىرى يىلسېرى كۆپەيدى.

  ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېقھانچىلىق نازارىتى يۆلىگەن كونا سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش كارخانىسى 66گە يېتىپ، 62 ناھىيەنى قاپلىدى. 13-بەشيىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ھەر بىر ناھىيەدە كونا سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋالىدىغان بىر كارخانىنى يۆلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر