- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۆت جۈپ ياشنىڭ توي مۇراسىمىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرۇلدى
2016.05.03 13:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرىدا تۆت جۈپ ياشنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. قايلور بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى، شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قايلور كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسى كادىرلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قايلور كەنتىدىكى تۆت جۈپ ياشنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. توي مۇراسىمىغا قىز-يىگىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە كەنتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، مۇراسىم ئارىلىقىدا مول سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، توينىڭ كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر