- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى-كۇنمىڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ
2016.04.29 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 27-ئاپرېل ئېچىلغان 2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ماي خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەندۇڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-كۇنمىڭ-باڭكوك لىنىيەسىنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى يەنە قەشقەر-كۇچا-چىڭدۇ لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇشتىكى تۈگۈن ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋەن شياڭدوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن رايون ئىچى-سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ سەپىرىگە زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ئۈرۈمچى ئايرودورومىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر