- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
ئاينۇر ئابلىمىت
2016.04.29 12:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى 27- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىساد قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» قاتارلىق پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگەندى ھەم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىشنىڭ نۇقتىلىق ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىنىشى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغان پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ «تۈپ چوڭ قانۇنى»، بىز پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەتلەپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر كۈچەيتىشىمىز؛ پارتىيە قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە دۇچ كېلىدىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تولۇق تونۇپ، باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز؛ بىردەكلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سىياسىي ئورگىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يەرلىك ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ۋەزىپىسى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشتا ھەرىكەتكە كېلىش − ئاچقۇچ. دائىمىي كومىتېتىمىز ھازىر بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ بولدى. بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر،ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، تۈزۈلگەن قائىدە- نىزام، دائىمىي كومىتېتنىڭ قانات يايدۇرۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ ئورگاندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كەڭ، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش» ئارقىلىق «بىر بولۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىدىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سىياسىي ئەخلاق، سىياسىي ئىنتىزام، تەلەپچان ۋە راستچىل خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن ما مىڭچېڭ، جاڭ بو، مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر