باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم ئاپتوموبىل تۈەنى تاشقورغانغا بەشىنچى يىلى ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى

2016.04.27 19:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەن شياۋجۈەن، جاڭ خەيفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 26 – ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ھەربىي بېكىتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئاپتوموبىل تۈەنىنىڭ ئاددىي ھەم تەسىرلىك ‹‹تاشقورغانغا بەشىنچى يىلى ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك قەسەمياد يىغىنى›› ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر تۈەننىڭ تۈەنجاڭى ۋاڭ جىخې ئەسكەرلەردىن: ‹‹بۇ قېتىمقى تاشقورغانغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئىشەنچىڭلار بارمۇ – يوق؟›› دەپ سورىغاندا، ئون نەچچە ئوفىتسېر – ئەسكەر بىردەك ياڭراق ئاۋازدا ‹‹ئىشەنچىمىز بار!›› دەپ جاۋاب بەردى. تۈەنجاڭنىڭ ‹‹يولغا چىقىڭلار!›› دېگەن بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، سېمونت بېسىلغان 26 يۈك ئاپتوموبىلى قوزغىلىپ پامىر ئېگىزلىكىگە قاراپ يول ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2012 – يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش››نۇقتىسىدىن 33نى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئاپتوموبىل تۈەنى ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ‹‹تۈەننىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش›› ئومۇمىي تەپەككۇرىنى بېكىتتى. بۇ تۈەن تىرانسپورت كۈچى قىس بولۇش، خادىملارنى تەشكىللەش قىيىن بولۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاشقورغانغا ياردەم بېرىشتە، ئالدى بىلەن، ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش تىرانسپورت ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان خادىملارنى يۆتكەپ، قەشقەر، قاغىلىق قوماندانلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ تۈەن تاشقورغان ناھىيەسىگە سېمونت، خىش، كاھىش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن 66 مىڭ 175 توننا توشۇدى.

  ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر تاشقورغان ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا يەنە ‹‹پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش››، ‹‹ئېگىزلىك رايونىدا چوڭ مېۋىلىك جىغان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى››، ‹‹قوتاز بېقىش تېخنىكىسى›› قاتارلىق كىتابلارنى سوۋغا قىلىپ ھەم ئۇلارغا ئۇچۇر تورى بىلىملىرىنى يەتكۈزۈپ، چارۋىچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى، بېيىش يولىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ئاپتوموبىل كالونى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 19دا ئۇزۇن يول يۈرۈپ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاغارما يېزىسىغا كەلگەندە، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئامما يولنىڭ ئىككى يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر