باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە مۇلازىمىتى باھاسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلىدۇ

2016.02.23 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مارتتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى باشقۇرۇلۇشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - تەرجىمە مۇلازىمىتى باھاسى ( ئېنگىلىزتىلى، فىرانسۇز تىلى، گىرمان تىلى، ياپون تىلى، روس تىلى قاتارلىق باشقا تىللارنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى بازار ئارقىلىق تەڭشەشكە ئۆزگەرتىدۇ. ئەسلى تەرجىمە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلار شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىنىدۇ. باھانى بازار ئارقىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات، ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانا ئورۇنلار « باھا قانۇنى » قاتارلىق قانۇن - نىزام تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، قانۇنىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنى سۈپىتى لاياقەتلىك، مۇۋاپىق باھادىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئېنىق باھا قۇيۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر