باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چاغاندا ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالدى

«شىنجاڭ ھەقىيقەتەن بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان ماكان ئىكەن»

2016.02.15 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 8 - ئاپرېل، چاغاننىڭ تۇنجى كۈنىدە چۈشتىن كېيىن سائەت 12دە ئالدىن دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا شاڭخەيدىن كېلىدىغان دوستۇم سۈن گوفۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ساقلاپ تۇردۇم، ئۇلار ئايرۇپىلان ئالمىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ چۈشتىن كېيىن 2دە قەشقەرگە بىرگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان رەسمىيىتىنى بېجىردىم.

  ئايرۇپىلان ئۇچۇپ بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن قەرەلىدە قەشقەر خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. يۈك - تاقلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ قەشقەر خەلق مەيدانى يېنىدىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشتۇق. ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن 5مىڭ كىلومېتر مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن بۇ شاڭخەيلىك بۇرادىرىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېنىدىكى كوچا ئارقىلىق قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ كىردىم. چارەك لەغمەن، زىقلىق كاۋاپ، لەڭپۇڭ ... لار ئۇلارنىڭ ھېرىپ ئاچقان قۇرسىقىنىڭ ئۇدۇل يېرىگە باردى بولغاي، غىزالارنى توختىماي ماختاپ يېدى.

  ___ شاڭخەيدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بار، دائىم بېرىپ تاماق يەپ تۇرىمىز، لېكىن قەشقەرگە كەلسەك تامىقى يەنىلا شاڭخەيدىكىدىن كۆپ تەملىك ئىكەن، بەلكىم بۇ ماتېرىيالنىڭ نەق ئۆزىدىن چىققانلىقىدىن بولسا كېرەك،- دېدى سۈن گوفۇ ماڭا.

  تاماقدىن كېيىن ئۇلارنى باشلاپ ئالدىدا بۇلتۇر دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ بولغان قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئارىيا كوچىسىدىكى كۇلاچىلار بازىرىغا، كەتمەن بازىرىغا، ياغاچ بازىرىغا ئاندىن قەشقەر ھېيتكاھقا باشلاپ باردىم، «يىپەك يولى» دىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقى قىش - ياز ئايرىمايتتى. ھېيتكاھنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازار يەنىلا شۇنچە ئاۋات، قاراڭغۇ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، سودىسىنى ئاياغلاشتۇرىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئەرزان بېرىۋېتىمەن دەپ توۋلاشلىرى، ناھايىتى مېززىلىك پۇراق چىقىپ تۇرغان كاۋاپدانلار ئالدىدا خېرىدار چاقىرىۋاتقانلارنىڭ تۈرلۈك ئاۋازلىرى بىلەن بازار تېخىمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى چىراغلار يورۇدى، بۇ يەر باشقىچە بىر مەنزىرىگە كىردى. مەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھېيتكاھ ئالدىدا رەسىمگە تارتىپ قويغاندىن كېيىن ياتاققا قايتتۇق.

  سۈن گوفۇ شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن 2010 - يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسىدە تونۇشۇپ قالغانىدىم، شۇ چاغدا مەن مۇخبىرلىققا بېرىپ، شىنجاڭ زالىدا زالغا كىرگەن تاماشىبىنلار قاتارىدا ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭغا بىر بېرىپ كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. مانا ئارىلىقتىن 6يىل ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەردە قايتا ئەسرالاشتۇق.

  ئەتىسى ئەتىگەن بىز ئۇزۇن يوللۇق تاكسى ئاپتوموبىلىدا سۈن گوفۇنىڭ شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدە پوسكامدا تۇرىۋاتقان بۇرادىرى ۋەن لىچياڭنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن پوسكامغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ قېتىمقى سەپەردە ساياھەت يېتەكچىسىلىك رولىنى ئالغان مەن يول بويى ئۇلارغا قەشقەرنىڭ ئۆزەم بىلىدىغان تارىخى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەپ ماڭدىم، 3سائەتلىك مۇساپىمۇ پاراڭ بىلەن بىردەمدىلا تۈگىدى. ئالدىمىزغا چىققان ۋەن لچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياتاققا ئورۇنلىشىپ، ئاندىن تاماققا ماڭدۇق. تاماقدىن كېيىن ۋەن لچاڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە 180مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 200مىڭ كۋادىرات مېتر كېلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولغان دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ بولغان پوسكام «ئالتۇن توغراق» سەيلىگاھى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا باردۇق. چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ 3 - كۈنىدە بۇ يەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. چاڭغا تېيىلىۋاتقانلار، بالۇندا تېيىلىپ ئويناۋاتقانلار، چانا تېيىلىۋاتقانلار، ھەممە يەر كۈلكە ساداسىغا تولغانىدى.

  ___ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا مۇۋەپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا قىشلىق ساياھەت دولقۇنى تېخىمۇ قوزغالدى. بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز 2015 - يىلى 19 - دېكابىر تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان چاڭغا تېيىلىدىغانلار سانى شىددەت بىلەن ئاشتى،- دېدى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يىفۇ ماڭا،- چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى «ئالتۇن توغراق» سەيلىگاھىدىكى ياتاق، سەھرا ئارامگاھى قاتارلىقلارنىڭ سودىسىنى ئاۋاتلاشتۇردى، دېھقانلارمۇ قىشتا ئۆيىدە ئولتۇرماي بۇ يەردە تۈرلۈك سودىلارنى قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ سودىسىمۇ قىزىدى، دېھقانلارنىڭمۇ كىرىمى ئاشتى، «قار - مۇز ئىقتىسادى» بۇ يەرنىڭ ساياھەت كەسپىنى قىزىتتى.

  ___ بۇلتۇر يىل بېشىدا «ئالتۇن توغراق» دا چاڭغا مەيدانى قۇرۇدۇ دەپ ئاڭلىغانتۇق، چاڭغا مەيدانى قۇرۇلىۋېدى بۇرۇن يازدىلا ساياھەتچىلەر كېلىپ، قىشتا چۆلدەرەپ قالىدىغان بۇ يەر ئەمدى تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. مەن يازدا سەيلىگاھدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كەنتىدە كاۋاپچىلىق قىلاتتتىم، قىشتا ئىش يوقتى، بۇ يىل قىشتىمۇ كاۋاپچىلىق قىلدىم، كۈندىلىك كىرىمىم كۆپ ياخشى، ساياھەتچىلىك گۈللەنسە، بىزنىڭ كۈنىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن،- دېدى مەمەت چۇۋار ئىسىملىك بىر ئاكا ماڭا.

  ئەتىسى بىز ئەتىگەندىلا پوسكامدىن ئايرىلىپ يەكەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ماشىنا يەكەن ئايرۇدۇرۇمى قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەكەن شەھەر رايونىغا كىرىپ كەلدۇق. يەكەندىكى مۇقام مەيدانى، ئاماننىساخان مەقبەرىسى، خان ئوردىسى سەيلىگاھى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن ئىككلەردە قەشقەر ئائىرپورتىغا قاراپ ماڭدۇق. كەچ سائەت 8لەردە ئۈرۈمچىگە ئامان - ئېسەن قونغاندىن كېيىن، ئۇلارنى چوڭ بازار يېنىدىكى بىر مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇردۇم.

  11 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا سۈن گوفۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى ئېلىپ چوڭ بازارنى ئايلىنىشقا باشلىدۇق. سۈن خانىم ۋە ئۇلارنىڭ قىزى چوڭ بازاردىكى تۈرلۈك رەڭدىكى يىپەك ياغلىقلار، يىپەك گىلەملەر، ھەرخىل رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك چالغۇلارنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى.

  __ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ناھايىتى خەيرلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى، شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم بىلەن بولغان مەن ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرغانىدىم، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور ئىكەن. ئۈرۈمچى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ، قەشقەر ئۇزۇن تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە زامانىۋى شەھەر قىياپىتىگىمۇ ئېرىشىپتۇ. شىنجاڭدىكى ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم، مەن شىنجاڭنى، قەشقەرنى سۆيىمەن، بۇدا كەلگەندە يەنە نۇرغۇن بۇرادەرلىرىمنى ئېلىپ كېلىمەن، شىنجاڭ ھەقىيقەتەن بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان ماكان ئىكەن ،- دېدى سۈن گوفۇ شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  مەدەنىيەت كەيپىياتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلدى

  11 - ئاپرېل كەچتە سانجىدىكى شىنجاڭ چوڭ تياتىرىدا ئوينالغان «غەربىي يۇرتقا جاپالىق قايتىش تەزكىرىسى» شىنجاڭلىق ۋە شىنقاڭغا ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. شىنقاڭدىكى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ - ئادىتى، تارىخى مۇجەسسەملەنگەن، بولۇپمۇ كۆسەن ئۇسسۇلى قاتارلىق غەربىي دىيارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتى كىشىلەرنى ناھايىتى بۇرۇنقى تارىخىي دەۋىرگە باشلاپ كىرىپ كەلدى.

  ___ مەن توكيودا ئىتالىيەنىڭ، ئاۋىسترىيەنىڭ دۆلەتلىك تىياتىر ئۆمەكلىرى ئورۇندىغان نۇرغۇن دۇنياۋى تىياتىرلارنى كۆرگەنىدىم، لېكىن «غەربىي يۇرتقا جاپالىق قايتىش تەزكىرىسى» نى كۆرۈپ باشقىچە زوق ئالدىم، ئۇنىڭدىكى مۇزىكىلار، ناخشىلار، ئۇسسۇللار. كىيىم - كېچەكلەردە نۇرغۇن شىنجاڭ ئېلىمېنتتى بار ئىكەن. يەنە بۇ كېچىلىكتە ئات، تۆگە، ئېشەككە ئوىشاش ئەنئەنىۋى جانلىق جابدۇقلار ئىشلىتىلگەندىن باشقا نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلەر ئىشلىتىلىپ، كۆرۈشچانلىقى بەك ئاشۇرۇلۇپتۇ،- دېدى چاغاندا ياپونىيەدىن ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاپ كەلگەن مۇتەللىپ ئابلىمىت ئىسىملىك بىرەيلەن ماڭا.

  ___ كېچىلىكتىكى كۆرۈنۈشلەر مېنى بەكمۇ ھاياجانغا سالدى، شىنجاڭغا كېلىپ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورۇننى كۆرۈمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، كۆرۈنۈشلەر بەك گۈزەل، ناخشا - ئۇسسۇللار بەك ئېسىل،- دېدى يېنىمدا ئولتۇرۇپ كېچىلىكنى كۆرۈۋاتقان جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن لياڭ يىڭ خانىم ۋە ئۇنىڭ قۇرداشلىرى ماڭا.

  ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى باھارى كۈتىۋېلىندى

  __ گەرچە چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭنى ھاۋارايى گەرچە سوغۇق ئېقىم تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالدى، دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرى بولسۇن، ساياھەت كىرىمى بولسۇن ھەر ئىككىسىدىلا مول ھوسۇل بولدى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدۇڭ 13- ئاپرېل ماڭا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى ئېشىش نۇقتىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت ئىچىدىن 1مىليون 261مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %16.5ئاشقان، 684مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) تۈنىگەن، 577مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) بىر كېچە قونغان؛ دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 1مىليارد 320مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %19ئاشقان.

  ___ چاغاندا ئايالىم ۋە ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ «يىپەك يولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا چىقىپ ئويناپ كىردۇق، چاڭغا مەيدانىدا ئادەم دىگەن ۋەھشىي تولا ئىكەن. ئۈرۈمچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇ يەرگە چىقىۋالدىمىكىن دېدىمغۇ،- دېدى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى نۇرمۇھەممەت پىدا ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ،- چاڭغا مەيدانىدا بۇ يىل مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇ يەرنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، مۇلازىمەتمۇ بەك ياخشى، سودىسىمۇ ئاۋات ئىكەن. مۇشۇ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە بەك ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى جۇمۇ.

  «يىپەك يولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مەسئۇلى خۇاڭ خېدىن ئىگىلىشىمچە، چاغان مەزگىلىدە چاڭغا مەيدانىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ %30ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بولۇپ، كۈندىلىك ساياھەتچىلەر سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6500دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %20ئاشقان.

  ___ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇردى، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا قار - مۇز ساياھىتى قىلغىلى كەلدى، - دېدى خۇاڭ خې ماڭا.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر مەيدان تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى سەيلىگاھىمۇ چاغان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئاۋاتلاشقان بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە 12مىڭغا يېقىن ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋېلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %343ئاشقان» بېلەت كىرىمى 214مىڭ 630يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە %30ىن ئارتۇقىنى ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىگىلىگەن. قاناس سەيلىگاھ كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %75، نارات سەيلىگاھى %50، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى سەيلىگاھى %35ئېشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

  __ بۇ يىلقى ساياھەتچىلىكتە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە كاتالىزاتۇرلۇق رول ئوينىغاندىن سىرت يەنە ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىشمۇ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يېڭى نۇقتا بولۇپ قالدى، چاغان مەزگىلىدە ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر سانى ئومۇمىي ساياھەتچىلەر سانىنىڭ %68.4نى ئىگىلەپ، چاغانلىق ئالتۇن ھەپتىلىك ساياھەت بازىرىدىكى ئاساسلىق گەۋدە بولۇپ قالدى،- دېدى لى جىدۇڭ.

  ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ئۇندىن باشقا چاغان مەزگىلىدە 7كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن ئاز ئورۇندۇقلۇق ئاپتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىققانلارغا مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە كۈتىۋېلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. يول بويىدىكى چىرايلىق مەنزىرىلەر، تۈرلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە يىمەك - ئىچمەكلەر شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارنى تېخىمۇ جەلىپ قىلدى. چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىشمۇ بۇ يىلقى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئۆمەكلىرىنى باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئىستاتېستىكا قىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭدىن چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلغانلار سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %130ئاشقان.

  ___ شىنجاڭدىن چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلغانلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئاساسلىقى ۋېزا بېجىرىشنىڭ قويۇۋېتىلىشى، ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىنىشى، بېجىرىش تەرتىبىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھەقلەرنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى، ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى قېتىم سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئىستىمال مۇھىتىنىڭ ئەلاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدە چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا يەنىلا شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساياھەت نىشانىدۇر، - دېدى جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ شېركىتىنىڭ مەسئۇلى پەرھات ئاخۇنجان ماڭا.

  لى جىدۇڭنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىللىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ياىشى باشلىنىشنىڭ بولۇشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش بولغانلىقى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى «ئېنترنېت + ساياھەت» ئىستراتېگىيەسىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىدە بار بولغان ئورگان تورى، ئۈندىدار سۇپىسىنى ياىشىلاش ئاساسىدا يەنە ئېنتېرنت تورى سەھنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ئالاقە ئۇچۇر تورلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان، شىنجاڭنىڭ ۋەكىللىك سەيلىگاھلىرىنى تونۇشتۇرغان، ئەڭ قىزىق نۇقتىدىكى سەيلىگاھلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى، فىلىملىرىنى توردا ئېلان قىلغان، پايدىلانغىلى بولىدىغانىكى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرغان. ئېنتېرنېت دۇنياسىدا «گۈزەل شىنجاڭ» نىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكى بايلىقىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى داڭلىق ساياھەت تور بىكەتلىرىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەشۋىقات مەزمۇنلىرى چوڭ ئورۇننى ئىگىلىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ بۇ يىل چاغاندا كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر سانى بۇلتۇرقى چاغان مەزگىلىگە قارىغاندا %700ئاشقان. چاغان مەزگىلىدە يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت تارماقلىرى توققۇزتارا قار - مۇز ھەيكەل ياساش كۆرگەزمىسى، نىلقا چىراق، فوتو سۈرەت بايرىمى، ماناس ئۈزۈمزار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، باغراش قار - مۇز بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بايراملىق ساياھەتنى تېخىمۇ قىزىتقان. ساياھەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، بايرام جەريانىدا 12301ساياھەت قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇنى 7ئەرىز، شىكايەت تېلىفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

  ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يولدا يولۇچىلارنى توشۇش ئاشتى

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 13 - ئاپرېل چاغان مەزگىلىدىكى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، 7 - ئاپرېلدىن 13 - ئاپرېلغىچە شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 469مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇغان، بۇ سان بۇلتۇرنىڭ ئوىشاش مەزگىلىدىن %8.3ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدا توشۇغان يولۇچىلار ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىقى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى شىنخەنزە، كۇيتۈن، قاراماي، بېيتۇن، غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلار ۋە شىنجاڭ - لەنجۇ تېز پويىزى لېنىيەسىدىكى شەھەرلەر بولغان.

  ئۈرۈمچى ئائىرپورتىدىن ئىگىلىشىمچە، 13 - ئاپرېل ئۈرۈمچى ئائىرپورتىدىن ئۇچقان، قونغان ئايرۇپىلان 456قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 70مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇلغان. چاغان مەزگىلىدىكى 7كۈن ئىچىدە 2مىڭ 800قېتىم نۆۋەتچى ئايرۇپىلان ئۇچۇپ، 400مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر