باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يېڭى نورمال ھالەتتە نى–نى يېڭى ئىشلارنى قىلىش كېرەك

2016.02.15 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا زېھنىي كۈچنى دەرھال مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى يىلدا ئىشنى ياخشى باشلاش تەلەپ قىلىندى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 14 – فېۋرال چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلەپ، ئەلنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى خۇلاسىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  2011 – يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر قاتار پائالىيەتلەرنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر قاتار پائالىيەتلەرنى يېڭى يىل بايرىمىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، نى – نى يېڭى ئىشلارنى نامايان قىلىش››تىن ئىبارەت باش يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىگىنىمىزدە، ‹‹خىزمەت تامىقى يىغىنى››، ‹‹ئۈچ ئاساسىي تېمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى››، ‹‹باش باھاردا ئىشنى ياخشى باشلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش››، ‹‹ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش››، ‹‹تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى ياخشى مۇستەھكەملەش››تىن ئىبارەت بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى بىر يىلدا بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر تولۇق ئورۇندىلىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئورۇنداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  يىغىندا، كۆپچىلىك چاغان مەزگىلىدە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ھال سوراپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ – كۇشادە سۆزلەشتى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغاندا ئىستىل پاك، كەيپىيات دۇرۇس بولدى، چاغان ئىقتىسادچىل، ئەمەلىيەتچىل ئۆتكۈزۈلدى، پوجاڭزا ئاز ئېتىلدى، ھەممىلا يەردە دېرىزىلەرگە قەغەز قىيما گۈل، مەسنەۋىلەر چاپلىنىپ، چىراغ – پانۇسلار ئېسىلىپ، چاغان كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇق بولدى؛ شەھەر، يېزا، كەنتلەر ئىناق، تىنچ بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما كوچا ئارىلاپ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ، ئۆزئارا پەتىلىشىپ، جەم بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمدى؛ ئامما ئاغرىنىدىغان ئىشلار بولمىدى، خۇشاللىنارلىق ئىشلار، ئۈنۈم توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغانلار كۆپەيدى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكى، ئاساس پۇختىلانغانلىقى يىغىلىش، پاراڭلىشىش سورۇنلىرىدىكى ئاساسىي تېما بولۇپ قالدى؛ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىزغىنلىقى داۋاملاشماقتا، نۇرغۇن كىشى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتناشتى، كۇتۇپخانىلارغا، مۇزېيلارغا باردى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ مەدەنىي، زامانىۋىلاشتى... ھەر مىللەت ئامما ھەم خۇشال بولدى، ھەم يېڭى يىلغا تولۇق ئۈمىد بىلەن قارىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: چاغاندىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. چاغان مەزگىلىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، مۇقىملىقنى ساقلاۋاتقانلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى خەيرلىك، تىنچ، خۇشال – خۇرام، ئىتتىپاق، دوستانە، تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بىز چوقۇم شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيىتىنى، ياخشى تەرەققىيات ئوي – پىكرىنى، ياخشى ئۇسۇلىنى ۋە ياخشى ھالىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، ‹‹يەتتىدە چىڭ تۇرۇش››نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلىپ ۋە جۇشقۇن كەيپىيات يارىتىپ، مەدەنىي تەرەققىي قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى بەنزىلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە جايلار، تارماقلار دەرھال پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئىشنى تىرىشىپ ياخشى باشلاش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ‹‹نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2016 – يىللىق ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››گە قاراپ چىقىلدى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىدە ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تەشەببۇسكار، دەل جايىدا بولۇش›› ئومۇمىي پىرىنسىپ قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى نورمال ھالەتنى داۋاملىق تونۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئۈنۈملىك مەبلەغ سېلىشنى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل قىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۆلچەر نىشان بىلەن ئەمەلىي ئېشىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن لايىھەلەپ يولغا قويۇپ، ‹‹نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2016 – يىللىق ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 14 جەھەتتىكى 50 تەدبىرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. 2015 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ئىشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، ئاپتونوم رايون تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر، تەكلىپلەرنى ئاڭلاش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرما. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان جايلار ۋە تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ‹‹تۆتتە كۈچلۈك›› كادىر، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئوقۇتقۇچى، ‹‹بەشتە ياخشى›› دىنىي زات بولۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئارقىلىق قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ماشۆجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر