باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاياردا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق چاغان تەبرىكلەندى

2016.02.04 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋىرى): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا شايار ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  ئارمىيە-خەلق بىرلىكتە چاغاننى تەبرىكلىدى

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى شايار بازىرىنىڭ باغچە مەھەللىسىدىكى كادىرلار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھال سوراش گۇرۇپپىسى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باتالىيونىغا بېرىپ، بۇ يەردىكى ئوفىتسېر -ئەسكەرلەردىن چاغانلىق ھال سورىدى. ھال سوراش گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن ئوفىتسېر -ئەسكەرگە بىر قوي، مېۋە-چىۋە، ئىككى دانە سۇ قايناتقۇ ھەدىيە قىلدى.ئارقىدىن مەھەللە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش باتالىيوننىڭ بىرلەشمە سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. باغچە مەھەللىسىدىكى ياشلار ۋە تەتىل قىلىپ يۇرتىغا كەلگەن ئىستۇدېنتلار ھەم ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ھەربىي ماھارەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى جانلاندۇرۇۋەتتى. بۇ ئارقىلىق چاغان قىزغىن تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە، ئارمىيە بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  «چىمەنزار»دىكى «ئىتتىپاقلىق زىياپىتى»

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە ناھىيە بازىرىنىڭ پېشقەدەم كادىرلار مەھەللىسىدىكى «چىمەنزار»رېستورانىدا ئۆزگىچە زىياپەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئەسلىدە بۇ رېستوراننىڭ خوجايىنى ھەسەنجان ھىمىت بۇ كوچىدىكى خەنزۇ قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، چاغانلىق «ئىتتىپاقلىق زىياپىتى»بەرگەن ئىدى.پېشقەدەم كادىرلار مەھەللىسىدە خەنزۇ-ئۇيغۇرلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. تىجارەتچىلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ھەسەنجان ھىمىت بۇ يەردە رېستوران ئېچىۋاتقان 10نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ يەردىكى خەنزۇ قوشنىلىرى بىلەن ئۆز-ئارا قوللىشىپ، قېرىنداشلاردەك ئېجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. ھەسەنجان بۇلتۇر چاغان مەزگىلىدىمۇ بۇ خەنزۇ قوشنىلىرىنى رېستورانىدا مېھمان قىلىپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن ئىدى. بۇ كۈندىكى زىياپەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ھەسەنجان چاقىرغان 50نەچچە خەنزۇ قوشنىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دوستلىرى بىرلىكتە غىزالىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇسسۇل، تانسا ئويناپ، قوشنىدارچىلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق مېھرى -مۇھەببىتىنى كۈچەيتتى.رېستوراننى خۇشاللىق كەيپىياتى قاپلىدى. گەرچە بۇ كەچلىك پائالىيەت بولسىمۇ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق مېھرىدىن قەلبلەر يورۇپ كەتتى.

  ھەسەنجان ھىمىتنىڭ قوشنىسى لۇ شىن مۇنداق دېدى: ھەسەنجان بىلەن تام قوشنا، مۇشۇنداق ئۆتۈۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى. ئۇ بىز بىلەن بەك ياخشى ئۆتىدۇ. خەنزۇلارغا بولغان مۇئامىلىسى بەك ياخشى. بۇ مەھەللىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز.

  ھەسەنجاننىڭ قوشنىسى لوۋ يۈجىيەن مۇنداق دېدى: ھەسەنجان بىلەن قوشنا ئۆتۈۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى. ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بەكمۇ ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز. بۈگۈن بەكمۇ خۇشالمەن. كۆپچىلىك بىرگە ئولتۇرۇپ چاغاننى تەبرىكلەۋاتىمىز.

  «چىمەنزار»رېستورانىنىڭ خوجايىنى ھەسەنجان ھىمىت مۇنداق دېدى: مەن بۇ خەنزۇ قوشنىلىرىم بىلەن بۇ كوچىدا تىجارەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى. ئۆز-ئارا بەك ھۆرمەتلىشىمىز، ھېيت-بايراملىرىمىزدا چاقىرىشىپ تۇرىمىز. تۇرمۇشتا ياردەملىشىمىز. مۇشۇ قوشنىلار مېنى قوللىغاچقا تىجارىتىم ياخشى، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم. مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر مىللەت قوشنىلىرىم بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن. چۈنكى بەخت خاتىرجەملىكتىن، تىنچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ.

  «ئىنچىكە»دە چاغان تەنتەنىسى

  2-ئاينىڭ1-كۈنى گۈلباغ بازىرىنىڭ ئىنچىكە كەنتىدە چاغاننى كۈتۈۋېلىش ھال سوراش ۋە سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 2-تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن 3-تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى كەنتتىكى 25قىيىنچىلىقى بار، ئاجىز،مېيىپ ئاھالىدىن 8مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن، گۈرۈچ، ماي بىلەن ھال سورىدى. ئارقىدىن كەنتتىكى دېھقان ئارتىسلار سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى. لىرىك، شوق ناخشىلار، قوش، يالغۇز كىشىلىك نەپىس ئۇسسۇل، ئېتۇتلار ئاممىغا چەكسىز شادلىق ئاتا قىلىپ، بايرام ھۇزۇرى بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر