باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمنى تېزلەتتى

2016.02.04 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى): كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر ئاشلىق، پاختا، باغ - ئورمانچىلىق بازا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، « يېزا ئىگىلىكنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئسىتىراتىگىيىسى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق، پاختا، خاس باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بازىلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە دېھقان ۋاسىتىچىلار قوشۇنىنى زورايتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، زىيانسىز، ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىقتىسادىي كىرىمى 6مىليارد 919مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014 - يىلىدىكىدىن %14.29، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 10مىڭ 838يۈەنگە يېتىپ، 2014 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12ئاشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر