باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدىكى كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى

2016.02.04 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى): يېقىندا، باي ناھىيە سايرام بازىرىدىكى 2015-يىللىق كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرى ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇپ ئېلىشىدىن ئۆتتى.

  سايرام بازىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى كەنتلەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان 1020مېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ، كەنتلەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان 1455مېتىر مەڭگۈلۈك كەلكۈن مۇداپىئە توسمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1مىليون 500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، سايرام بازىرىدىكى ئېتىز-ئېرىق سۇغىرىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر