باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى شىنجاڭدا ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كارتىسى خەلققە قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ

2016.02.02 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ساغلاملىق كارتىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئورگان ئاتلاپ، رايون ئاتلاپ داۋالىنىش «ھەمكارتىسى» نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كارتىسىنىڭ خەلققە قولايلىق، پايدىلىق ۋە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 1- فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئېچىلدى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ساغلاملىق كارتىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى باشلىنىپ، يىل ئاخىرىغىچە تىرىشىپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش نىسبىتى 40 % كە يەتكۈزۈپ، 70 % تىن ئارتۇق داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشۈش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش تاماملىنىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئورگان ئاتلاپ، رايون ئاتلاپ داۋالىنىش «ھەمكارتىسى» نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كارتىسىنىڭ خەلققە قولايلىق، پايدىلىق ۋە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكى « ئاساسىي ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى ، ئېلېكترونلۇق كېسەل تارىخى , كېسەل كۆرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئۇچۇر سېستىمىسى » سىناق نۇقتا تۈرى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، ئىككىنچى دەرىجىلىك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوختۇرخانىلار، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كەنت شىپاخانىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان 339 داۋالاش ئاپپاراتىدا رايون ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇلاش داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، مەنبەدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر