باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىدائىيلىق خىزمىتىدىكى بىر جۈپ گۈللەر

2016.01.22 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 21 - يانۋار مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فۇكاڭ تەڭرىتاغ «بوغدا» كۆلى خەلقئارا چاڭغا مەيدانىدىكى مۇسابىقىلەر رەسمىي باشلانغان كۈنى، ئەتىگەن سائەت 8دىن باشلاپلا مۇسابىقە مەيدانى مېدىيا مەركىزىدىكى بىر جۈپ قىز پىدائىيلاردىن ئالىيە ئۆمەر ۋە رەيھانگۈل قاسىم كەلگەن مۇخبىرلارنى تىزىملاش، ئۇلارغا شۇ كۈنلۈك مۇسابىقە ئەھۋالى تىزىملىكىنى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى بېرىش، ماتېرىياللارنى نۇسخىلاش، شۇ كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئاساسلىق گېزىتلەرنى تارقىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇ كۈنكى مۇسابىقىلەر داۋاملىشىپ چۈش بولاي دىگەندە ئۇ ئىككىسى يەنە چۈشلۈك تاماققا كەلگەن مېدىيا خادىملىرىغا تاماق توشۇش، چوكا، ئىستاكان يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئۇلارغا ئازراق ئارام ئالىدىغان پۇرسەت چىقتى. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدىم.

  ئالىيە ئۆمەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىنىڭ 2012 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇرتى سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن ئىكەن، 2015 - يىلى نويابىردا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپ بويىچە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا پىدائىيلىققا تىزىملىتىشنى يولغا قويغانلىقىنى ئاڭلىغان ئالىيە ئۆمەر دەرھاللا ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ.

  __ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فۇكاڭدىكى «بوغدا» كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مۇسابىقە رايونىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم، چۈنكى مەن ئۆزۈم سانجىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن فۇكاڭمۇ سانجىنىڭ بىر شەھىرى بولغاچقا مۇسابىقە خۇددى ماڭا مەھەللىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ مەرىكىدەك، مەن ساھىپخاندەك بولغاچقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن نەچچە قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھان، يېزىق ئىمتىھانى قاتارلىق تاللاشلاردىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 200نەپەر پىدائىي قاتارىغا كىردىم،- دېدى ئالىيە ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ،- دادام تىجارەتچى، ئاپام ئۆي ئايالى، مەن بۇ ئويۇمنى ئاتا - ئانامغا ئېيتىۋېدىم ئۇلارمۇ مېنى بەك قوللىدى، ماڭا كۆپرەك ئەمەلىي ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بەرسىڭىز، ھەرقايسى جەھەتلەردىن يېتىلىشقا پايدىلىق، مەسىلىلەرگە يولۇققا قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، دېدى. ئاتا - ئانامنىڭ قوللىشى مېنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

  ئالىيە 15 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانىنى تۈگەتكەندىن كېيىن دەرھاللا فۇكاڭغا ئاتلاندى. شۇ كۈنى ئۇ مەكتەپتىن تاللانغان باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرگە فۇكاڭدىكى مۇسابىقە رايونى بولغان تەڭرىتاغ «بوغدا» كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا باردى. ھەمدە ئىككى كۈنلۈك تەربىيىلەشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، مەيدان شارائىتى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقتى، بۇ يەردە يەنە يەنە بىر پىدائىي ھەمراھى، ھازىرقى دوستى رەيھانگۈل بىلەن تونۇشتى. ئىككىسى بىرلىكتە مۇسابىقە ئاخبارات مەركىزىگە پىدائىيلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىندى.

  ___ بۇ يەردىكى خىزمەتلەردە مېنى ئەڭ قىينىغىنى كۈندىكى خىزمەت ئەمەس، بەلكى ھاۋانىڭ سۇغۇقلۇقى بولدى، گەرچە ئىشىمىز زال ئىچىدە بولسىمۇ، تېمپىراتۇرانىڭ سوغۇقلۇقىدىن بەزىدە قول - پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ قالىدۇ، يۈزلىرىم تارتىشىپ قالىدۇ، لېكىن مەن چىدامچان، غەيرەتلىك بولۇشقا، مۇقەددەس ۋەزىپەمنى تولۇق ئورۇنداپ، ۋەتەن خەلق ئالدىدا لاياقەتلىك بىر ئىستودېنت بولۇشقا تىرىشىمەن، بىر سانجىلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياخشى ساھىپخان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر، تېنېرلار، رېپېرىلار ۋە مېھمانلارغا يۇرتۇمنىڭ گۈزەللىكىنى، بۇ يەرنىڭ ئىناقلىققا، بەختىيارلىققا تولغانلىقىنى بىلدۈرىمەن،- دېدى بايىلا تېخى ئىشىك ئالدىدا مۇخبىرلارنى ئۇزىتىۋېتىپ كىرىپ، يۈزىدىكى توڭلىغاندىكى قىزىللىق تېخى تۈگىمىگەن ئالىيە ماڭا.

  ___ مېنىڭ ئىسمىم رەيھانگۈل قاسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ 2011 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى، تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسىدىن،- دېدى بويى ئېگىز، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن رەيھانگۈل ماڭا،- بۇلتۇر نويابىردا مەكتەپتە پىدائىيلىققا تىزىملىتىشنى باشلىغاندا مەن سىنىپىمىزدىن 1 - بولۇپ تىزىملاتتىم، نەچچە قېتىملىق تاللاشتىن كېيىن پىدائىيلىققا قوبۇل قىلىنغىنىمدا ئاڭلىغاندا خۇشاللىقىمدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەكرىۋەتكەنىدىم. نېمىشقە دېسە بۇ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىشى، شۇنداقلا شىنجاڭدا بۇنداق چوڭ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىنىشى، شۇڭا بىر ساھىپخانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭدىكى يېڭىلىقلارنى، ئۆزگىرىشلەرنى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل يەرلىرىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق بىلدۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ماسلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىدىم.

  رەيھانگۈل قاسىم بۇندىن بۇرۇن گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى، ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە پىدائىيلىق خىزمىتىدە بولۇپ باققان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا قاغىلىق ناھىيىسىگە بىر يىللىق ئوقۇتقۇچى پىدائىيلىق خىزمىتىگە بېرىش ئالدىدا ئىكەن.

  ___ مېنىڭ پىدائىيلىقا تىزىملىتىپ، بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ھەپتىدىن بۇيان ئەڭ ئېرىشكىنىم بۇ يەردە مەن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئارىلىشىش دائىرەم كېڭەيدى، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن مېدىيا خادىملىرى بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزۈمدە بار بولغان يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىۋالدىم، پىدائىيلىق خىزمىتى ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى،- دېدى رەيھانگۈل قاسىم ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئىگىلىشىمچە، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ، جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىچكىرىدىن كەلگەن پىدائىيلاردىن 1400بار بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق 17مىللەتتىن بولغان پىدائىيلارنىڭ ئەڭ چوڭى 51ياش، كىچىكى 15ياش ئىكەن. %18پىدائىي 2008 - يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئېلىنى يەتكۈزۈشكە، گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى، ستودېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە پىدائىي بولۇپ قاتناشقان بولۇپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بىر پىدائىيلار قوشۇنى ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر