باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-قېتىملىق ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى تارقىتىلدى

2016.01.19 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 15-يانۋار، مەشئەل ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادۋوكات، يازغۇچى ئەركىن روزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان 5-قېتىملىق ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى تارقىتىلدى.

  مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا تۇرپان ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2- سانىدا نەشر قىلىنغان ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «ئاساسىي قاتلامدىكى خاتىرلەر» دېگەن ئەسىرى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2014 – يىللىق 1-، 3- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «دېڭىز بويىدىكى نەم خىياللار» دېگەن ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ مۇكاپات ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە شەخسلەر يولغا قويغان بىردىنبىر ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى بولۇپ، تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، دىيارىمىزدىكى مەسئۇلىيەتجان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. كۆپلىگەن ئاپتورلارنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرى ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان مۇشۇ جەمئىيەتنى، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، تەخىرسىز مەسىلىلەرگە دىققەت -ئېتىبارىنى ئاغدۇرۇشقا ئېلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن دەۋىر روھىنى، يارقىن نۇقتىلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىيالايدىغان بىر تۈركۈم ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەسەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى، خەلقنى تەربىيەلەپ، تەسىرلەندۈرۈپ، ھازىرقى رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق مىللەتنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۈمۈدۋارلىققا يىتەكلەش رولىنى ئوينىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر