- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىللىق ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز «دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، موڭغۇل «ئالتۇن ئۈزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
2016.01.18 10:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 15-يانۋار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەر ئۈرۈمچىدە جەم بولۇپ، 2015-يىللىق ياخشى ئەسەرلەردىن ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز «دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، موڭغۇل «ئالتۇن ئۈزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ساھىبلارنى مۇكاپاتلىدى.
بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلاشتا 20 مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتلانغان بولۇپ، مەمەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم يازغان «شېرىن دورغا» ناملىق بىر رومان، ئەسئەت ئابدۇرېشىت يازغان «ئىلى يولى ئەگرى – توقاي»، «بۇلۇت قىز» ناملىق ئىككى پوۋېست، «دادامنىڭ كۆۋرۈكى»، «ھازىرقى جەمشىد»، «سەۋىر» قاتارلىق ئۈچ ھېكايە، «غەزەللەر»، «گۈل دالام – ئالتۇن ئۇۋام»، «قەشقەردە پۈتكەن نەزمىلەر»، «بىر ئاشىق ئۆزىنى ئاسىدۇ دارغا» قاتارلىق تۆت پارچە شېئىر، «پىروزىچىلىقىمىزدىكى ئىككى ئىللەت» تېمىسىدىكى بىر ئوبزور بولۇپ 11 ئەسەر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، قازاقچە بەش ئەسەر، قىرغىزچە ئىككى ئەسەر «دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، موڭغۇلچە ئىككى ئەسەر «ئالتۇن ئۈزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
يازغۇچى، شائىرلار مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ياخشى ئەسەرلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتى، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر