- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گو شىاڭيى، باقى ئىمىننىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى
2016.01.07 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو شىاڭيىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىغانلىقى، خوتەن ناھىيەلىك توڭدا بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى باقى ئىمىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى » دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - سانلىق يىغىنى گو شىاڭيى، باقى ئىمىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر