- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 4-قېتىملىق ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ
2016.01.07 16:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىل 4-قېتىملىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرققىيات كومىتېتى يېقىندا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق تەتقىقات دوكلاتى يىغىنىنى چاقىرىپ، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ 2016-يىل رەسمىي باشلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
يىغىندا يەنە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇمى گۇرۇھىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بۇ تۈرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە رەسمىي ئىش باشلىنىشىغا كاپالەت قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىگىلىنشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا 30مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر