- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر 23-يانۋاردىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ
2016.01.07 15:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-يانۋار، ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 2016 - يىللىق قىشلىق تەتىلنى كۈتۈۋىلىش ئالدىدا، 2 - ئوقۇش مەۋسۈمى21-يانۋار تىزىمغا ئالدۇرىلىپ، 22 –يانۋار ئوقۇش باشلاپ، 4 - ئىيۇل يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.
تۈنۈگۈن، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قىشلىق تەتىل ۋاقتىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ« يۈكنى ئازايتىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە قىشلىق تەتىلدە تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
شەھەر بويىچە بىر، ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا يازما ئائىلە تاپشۇرۇق قالدۇرماسلىق؛ 3 – يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازما تاپشۇرۇقنى ئازايتىش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارغا كۆچۈرۈش تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك، ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تاپشۇرۇقنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، خاسلاشتۇرۇلغان قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يازما تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر