باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

13–نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن

2016.01.04 08:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بو، جاڭ يەنلى، ياڭ شۇخەن، ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› مۇخبىرى جۇ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىمۇ كۈندىن – كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ساھىبخانا ئورۇن بولۇش خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  يىلدا تاغدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش

  يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يېڭى يىلنى ھەم مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى.

  شەھەر ئاھالىسى نيې پېييىڭ ئەر – خوتۇن قىزىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى يىللىق تاغقا چىقىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ: بىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغقا چىقىپ، تەنھەرىكەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندۇق. يېڭى يىلدا ھەممە كىشىنىڭ ساغلام، خۇشال – خۇرام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، دېدى.

  58 ياشلىق جاڭ سەيشيا يامالىق تېغىدىكى تاغقا چىقىش كۇلۇبىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ خۇشال ھالدا: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، دېدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جېنرۈي: ‹‹خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش . مەملىكەت بويىچە 2016 – يىلىنى كۈتۈۋېلىش، تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش يىغىنى››دا پىلاكاتقا ئىمزا قويۇۋېتىپ: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پات ئارىدا شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10 مىڭ كىشىلىك قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان كاتتا مۇسابىقە قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەر ۋە دوستلارنىڭ شىنجاڭغا، خوتەنگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمەن، دېدى.

  يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى مەملىكەت بويىچە يېڭى يىللىق تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك قار – مۇز مەنزىرىسى بايرىمى تۇرغۇن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما قويۇق مىللىيچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئالدى.

  كۆكتوقاي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنيانى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قار – مۇز ساياھەت بايلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، مەن شىنجاڭدىن پەخىرلىنىمەن، شىنجاڭغا مەدەت بېرىمەن.

  مارافونچە يۈگۈرۈپ قار – مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش

  يېڭى يىلدا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى قار – مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن نۇرغۇن دوستلارنى جەلپ قىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملار بويىچە ئۈچ مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشتى.

  ماھىر تاۋ يۈەنيى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قار – مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن. نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇستا يۈگۈرۈش جىسمانىي قۇۋۋىتىمگە نىسبەتەن بىر سىناق بولدى، لېكىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، دېدى.

  ئۇ يەنە: شىنجاڭنىڭ مول قار – مۇز بايلىقى ۋە قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ بەك ياخشى بولدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆزگىچە قار – مۇز مەنزىرىسىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  جاڭ تاۋ يېرىم مۇساپىلىك قار – مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش يولىدا بولغۇسى ئايالى ۋاڭ يۆنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىللە يۈگۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى چېڭدۇدا توي قىلىمىز، بىز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالغان مېدالنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەقدىم قىلماقچىمىز، كىچىككىنە تىرىشچانلىقىمىزنىڭ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە خۇشاللىق بېغىشلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

  شاڭخەيدىن كەلگەن ليۇ دەن قار – مۇز تەنتەربىيەسىنى شەرقىي شىمالدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن، بۇ قېتىم ئۇ قار – مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى چۈشەنمەكچى بولدى. ليۇ دەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىپايان، گۈزەل ماكان ئىكەن، ئېگىز تاغ ۋە قارلىق جايلار دەرۋەقە ئويلىغىنىمدىن ياخشى ئىكەن، بۇ جاينىڭ قار – مۇز مۇھىتى ۋە قار – مۇز بايلىقى خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن.

  مەشئەل ئارقىلىق قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئىپتىخارلىقنى يەتكۈزۈش

  مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش مۇراسىمى 2015 – يىلى 8 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭدىن كېيىن تۆت ئايلىق مەملىكەتلىك تور ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، 9 – دېكابىر شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. 2016 – يىلى 1 – يانۋارغىچە مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر 6 مىليون 390 مىڭدىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما توردا مەشئەل يەتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بەس – بەستە توردا مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىپ، ئانا يۇرتى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات – تارقىتىش كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى جيا تىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلانماقتىمىز. بىز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەرخىل مۇسابىقە تۈرلىرىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ھەر بىرىمىز مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتۇق. توردا مەشئەل يەتكۈزۈش ھەممەيلەننىڭ مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېجەشلىك بولىدۇ.

  توردا مەشئەل يەتكۈزۈش تور بېتىنى ئاچسىڭىز كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشا ياڭرايدۇ. شىنجاڭ ‹‹بويەن›› سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر مۇھىتى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇ ناخشىدا شىنجاڭلىقلارنىڭ ساھىبخان بولۇشتىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ چوڭ تىپتىكى قار – مۇز مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھەر بىر شىنجاڭلىق ساھىبخانلىق پوزىتسىيەسى، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن دوستلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

  شىنجاڭلىق قىزچاق خې يۆ نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 – يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تەنتەربىيەنى، بولۇپمۇ قار تېيىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يەتكۈزگىنىمىز مەشئەل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭغا، تەنتەربىيە – چېنىقىش ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىن سۆيگۈدۇر.

  ئاقتۇ ناھىيەسىدە يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش بويىچە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ياڭ گوخۇا بەش ياشلىق نەۋرىسىنى ئېلىپ ئىمزا قويغىلى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاقتۇدىكى ھەممەيلەن توردا مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۈگۈن نەۋرەمنى مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم، پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن شىنجاڭنىڭ قار – مۇز مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەرسەم دەيمەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر