باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى يىل مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا رايى ياخشى بولىدۇ

2015.12.31 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:30-دېكابر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بايرام مەزگىلىدىكى ھاۋا رايى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، يېڭى يىللىق بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن. سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىش، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاشقا ماس كېلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە (1-يانۋاردىن 3-يانۋارغىچە) ، چۆچەك شەھىرىنىڭ شىمالى، ئالتايدا ئازراق قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرىھال قار ياغىدىكەن، شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىقتا قېلىن قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلىرىدا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن. ئۈرۈمچى بايرام مەزگىلىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن، 2-3بال شامال چىقىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن يۇقىرى ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر