باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز جىلىن ئۆلكىسى بىلەن ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلالايدىغان بولدى

2015.12.25 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 - يىلى 23 - دېكابىر ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلىشنى يولغا قويۇش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ يىل 7 - ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن جىلىن ئۆلكىسى «جىلىن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئىككى جايدا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلىشنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزدى. ئىككى جاينىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلىشتىكى سۇغۇرتىلىغان جاينىڭ سىياسىتى، داۋالانغان ئورۇننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى، تىزىملىكنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، ھېسابات بوغۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ داۋالاش ھېساباتى قىلىشنى يولغا قويۇشى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى تەدبىرنى يولغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر