باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىلەن جىلىن ئارىسىدا داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە توردا راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2015.12.24 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-دېكابىر، شىنجاڭ بىلەن جىلىن ئارىسىدا داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە توردا راسچوت قىلىشنى يولغا قويۇش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. جىلىن ئۆلكىسى خەينەن، شەنشى، سىچۇەن، چۇڭچىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭ بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى توردا راسچوت قىلىدىغان 5- ئۆلكە-شەھەر بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 7-ئىيۇل شىنجاڭ- جىلىن ئىككى ئۆلكە رايون جىلىندا « جىلىن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغانلار باشقا جايدا داۋالانسا راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى باشقۇرۇش كېلىشىمى» نى ئىمزالىنىشى بىلەن ئىككى ئۆلكە ئارىسىدا داۋالىنىش ھەمكارلىقى باشلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 2015-يىلى دېكابردا ئىككى ئۆلكە ئارىسىدا داۋالىنىش سۇپىسىنى تورلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى. جىلىن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  جىلىن ئۆلكىسىدىكى بارلىق ناھىيەلەردە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى(جىلىن ئۆلكىسىدىكى بارلىق نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى شىنجاڭغا پۈتۈنلەي قويۇۋېتىلدى). شىنجاڭدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كېسەللىك سەۋەبىدىن جىلىندا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، جىلىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى بىلەن تاللانغان دوختۇرخانىدا تىزىملاتسا بولىدۇ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خىراجەتنى تۆلىسىلا بولىدۇ .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر