- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فۇجۇ مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىئانە قىلغان بۇيۇملار ئۈرۈمچىگە كەلدى
2015.12.21 13:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
«شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» مۇخبىرى تاڭ يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى 20 - دېكابىر فۇجۇ مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىئانە قىلغان يېپيېڭى ئۈستەل، خاتىرە كومپيۇتېر، پىرېنتېر قاتارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.
«ئەندې» ئەشيا ئوبوروت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: بۇ بۇيۇملار 13 - دېكابىر فۇجۇدا ئاپتوموبىلغا بېسىلغان. ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئىككى كۈن كېچىكىپ قالدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرغۇچى ئورۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىز مەخسۇس مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى، بۇ گۇرۇپپا مەخسۇس مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇ شىركەتنىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جۇڭ جۈن مۇنداق دېدى: ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا، بىخەتەر يەتكۈزۈش، مال يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى تارماق شىركەتلەرنىڭ ئادەم كۈچى ۋە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شىركىتىمىز ھازىرغىچە بېيجىڭ، خاربىن ۋە فۇجۇدىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا توشۇدى.
جۇڭ جۈن يەنە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ بىلەن خاربىندىن ئەۋەتىلگەن باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ماددىي ئەشيالىرى پات ئارىدا كېلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانلىرى ئارىسىدىكى ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش توغرىسىدا تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى، مۇسابىقە مەزگىلىدە ئاپتوموبىل ۋە قاچىلاش خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر