باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى»قۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى

2015.12.18 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 14 - دېكابىردىن 15 - دېكابىرغىچە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سىناق رايونى دېيىلىدۇ)ىنى پىلانلاش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارە، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى(مۇزاكىرە تېزىسى)نى مۇھاكىمە قىلدى.

  دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئومۇمىي تەسەۋۋۇر (مۇزاكىرە تېزىسى)نى تاماملاشقىچە بولغان جەريان سىناق رايونى قۇرۇشتا باسقان مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت تەرەپ بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىدىغان ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان سۇپا، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، شېنجېن قاتارلىق ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى رايون ئاتلاپ بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئۆز ئارا تولۇقلاش ۋە ئۈنۈملۈك ماسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا، سىناق رايونىنى پىلانلاش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ ۋېيدۇڭ سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلان تەسەۋۋۇر رامكىسى ۋە قۇرۇلۇش مەزمۇنىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، بۇ ئاساسلىقى ئومۇمىي تەسەۋۋۇر، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش، قۇرۇلۇش نىشانى، مۇھىم ئامىللارنى پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش تۈرى ۋە سۇپا قۇرۇلۇشى، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى، تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىدىن ئىبارەت يەتتە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەسەۋۋۇر رامكىسىنىڭ مەزمۇنى ئەتراپلىق بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتا بار ئىكەن، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار ئالاھىدە رايونى قۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق كەسىپلەر، يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى»دىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزگەن خىزمەت كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن. ئاساسىي تەسەۋۋۇرى: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانىنى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ئۈلگىسى ۋە ئاساس، شېنجېن بىلەن شىنجاڭنىڭ قوشماق بولۇشىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىپ، رايون ئەمەلىيىتى بىلەن بايلىقنى رايون ھالقىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك بىرىكتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بۇ سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەتقىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەتقىقات خىزمىتى ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللىدى ھەم كۆپ تەرەپنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىن تەجرىبە ئىگىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر