باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك داۋالاش ئاپپاراتى 300مىليون يۈەن قىممىتىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشتى

2015.12.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ( مۇھاجىرلار ) ئىشخانىسى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى 14- دېكابىر ئۆتكۈزۈلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 159يېزا - بازار شىپاخانىسى ۋە دوختۇرخانا جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز مېيىپلار ۋە ئۇرۇق - تۇغقان دوستلىرى جەمئىيىتى، مەملىكەت بويىچە مىھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى ئىتتىپاقى ئىئانە قىلغان سوممىسى 300مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 100نەچچە خىل داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ( مۇھاجىرلار ئىشلىرى ) ئىشخانىسى ئالاقىلىشىپ سۇپا تەسىس قىلغان، جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز مېيىپلار ۋە ئۇرۇق - تۇغقان دوستلىرى جەمئىيىتى، مەملىكەت بويىچە مىھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى ئىتتىپاقى قوزغىغان بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى چەت، يىراق، نامرات رايونلىرىدىكى كەڭ بىمارلار، بولۇپمۇ ۋەتەنگە قايتقان نامرات مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر