- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى 7-قېتىم ئۆستۈرۈلدى
2015.12.10 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-دېكابر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم پۇلىنى 7-قېتىم ئۆستۈردى، شەھەر-يېزىلاردىكى 2 مىليون 160 مىڭ ئوبيېكت، 1 مىليون 40 مىڭ «تۆت خىل خادىم» نەپكە ئېرىشتى.شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىلارنىڭ تەمىناتىنى مال باھاسى سەۋىيىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 296مىليون يۈەن ئاجىرىتىپ بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھازىر بار بولغان 860 مىڭ شەھەر نوپۇسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 20 يۈەن قوشۇپ بەردى. پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر 1 مىليون 300 مىڭ يېزا نوپۇسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى بار، ھەر بىر ئادەمگە بېرىلىدىغان كاپالەت پۇلى ھەر ئايدا 15 يۈەن كۆپەيدى.
يىلنىڭ ئاخىرغىچە، 1-ئىيۇلدىن ھازىرغىچە تولۇقلاپ كۆپەيتىلگەن پۇل تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
بۇ ئاساستا شىنجاڭ يەنە تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، شەھەر،يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى ياشانغانلار، قورامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلار ۋە ئېغىر كېسەللەردىن ئىبارەت تۆت خىل خادىملارغا، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا يەنە 10 يۈەن قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى شىنجاڭدىكى باشقا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا قارىغاندا ئۆستۈرۈلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر