خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا توردا پىچان ناھىيەسى تەۋەسىدىكى چۆللۈكتە بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالغان دېگەن خەۋەر تارقالغان. 9-دېكابر پىچان ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەسمىي ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشچە، پىچان ناھىيىسىنىڭ سارخۇ چۆلىدە بىر ئەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەن جەسىتى بايقالغان. قانۇن دوختۇرى بۇ ئەرنىڭ تەخمىنەن 2 يىل بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى، دەسلەپكى قەدەمدە زورلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بېكىتتى. ھازىر ساقچى تەرەپ ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 6-دېكابر بىر ساياھەتچى پىچان ناھىيەسى سارخۇ ھېقىق ساھىلنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 39 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆللۈكتە بىر قۇرۇپ كەتكەن جەسەتنى بايقىغان ۋە شۇئان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلغان. دېلودىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېزلىكتە ساقچى كۈچىنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ جەسەتنى تەكشۈرپ ئېنىقلاش، دەلىل- ئىسپات ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلىغان. نەق مەيداننى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئۆلگۈچىنىڭ ئەر، بوي ئېگىزلىكى 164 سانتىمېتر، ئۈستىگە قىزىل تېگى قارا پوپايكا، قارامتۇل يېشىل رەڭلىك يۇڭ پوپايكا، كۆك رەڭلىك كۈزلۈك مايكا، جىگەر رەڭلىك كۆڭلەك ، ئاستىغا كۆك رەڭلىك ئىشتان، قىزىل رەڭلىك كۈزلۈك ئىشتان كىيىۋالغانلىقىنى، چىچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3 سانتىمېتر ئىكەنلىكىنى، پۇتىغا قارا رەڭلىك لاتا خەي كىيگەنلىكىنى،يېشىنىڭ 30-40 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدا بىر قولياغلىق، بىر قاپ بەيچۆلىڭ ماركىلىق ماينىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان .
نۆۋەتتە، ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. شىنجاڭ تاغقا چىقىش مەستانلىرى قۇتقۇزۇش ئەترىتى پىچان چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەزاسىنىڭ تونۇشتۇرشىچە: بۇ خىل ئەھۋال لوپنۇر كۆلىدە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن، ئۆلگۈچىنىڭ كۆپ قىسمى تاش ئىزدەيدىغانلار ئىكەن. بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇپ ناھايىتى ئاسانلا يولدىن ئادىشىپ قالىدىكەن. ساقچى تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: دالا ھەۋەسكارلىرى قۇملۇق چۆل - جەزىرىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى