باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ

2015.12.09 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىردىن باشلاپ 2016 - يىلى ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى تەدرىجىي ھالدا بىر تۇتاش ئەقلىي باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى تەستىقلاش توختىتىلدى.

  مۇخبىرنىڭ 8- دېكابىر شەھەرلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى « ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە » نى ئېلان قىلدى. لاھىيەدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر بار بولغان ئاممىۋى ماشىنا توختىتىش بايلىقىنى رەتلەش، توختاشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ماشىنا توختىتىش تەس بۇلۇش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىق بۇلۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى « ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە، يولنى ئىگىلىۋالغان 297ۋاقىتلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانى ۋە ئالتە چوڭ ستېرېئولۇق توختالغۇنى ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش ( گۇرۇھى ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەزگىلىدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولىنى ئىگىلىۋالغان ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم قاتناشقا تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى بىكار قىلىدۇ.

  شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى ( مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ) دىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ماتۇرلۇق قاتناش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، قالايمىقان توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كىلىپ چىققان، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىدا بىر قىسىم ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يىرىك پىلانى مۇۋاپىق بولماسلىق، ھەق ئېلىش ئاشكارا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقالغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر