- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئۇل سېلىش
−شىنجاڭنىڭ «12 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
2015.12.02 15:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ماشىنسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان بىر تورداش 2011 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى توردا «12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ مۇھىم نۇقتىسى شىنجاڭغا قارىتىلىپتۇ، مەن شۇ جايغا بېرىپ خىزمەت قىلسام ئىستىقبالىم بولارمۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئەتىسى يەنە بىر تورداش بۇ مەسىلىگە: «<12 - بەش يىل> مەزگىلىدە شىنجاڭدا سانائەتلىشىش، بازارلىشىش، شۇنداقلا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. تۇنجى تەرەققىيات پۇرسىتى پولات - تۆمۈر كەسپىدە، ئۇنىڭدىن قالسا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھۆكۈمەت ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. بۇ يىل بىر نەچچە چوڭ قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى، سەن ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغاچقا، بۇ ئىككىلا كەسپ ساڭا ماس كېلىدىكەن، شۇڭا شىنجاڭغا كەلسەڭ، ئىستىقبالىڭ پارلاق بولىدۇ!» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ھازىر ئارىدىن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى. گەرچە يۇقىرىقى تورداشنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ھەقىقەتەن دانا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ: «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش، بازارلىشىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش بولۇپ، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىقلاردا ھالقىما تەرەققىيات ئەمەلگە ئاشتى.
ئىككى تورداشنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلدا شىنجاڭ ھەققىدە قىلىشقان تاسادىپىي پارىڭى بىرمۇ - بىر دەلىللەندى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى
«12 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭ ئۈچۈن ئاجايىپ بەش يىل بولدى. بۇ بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىم ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ GDPسى 2010 - يىلىدىكى 543 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، يىلىغا %10.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 29 - ئورۇندىن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى؛ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئېشىپ، 354 مىليارد يۈەندىن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ نېفىت سانائىتىدىن باشقا كەسپلەرنىڭ نىسبىتى %40تىن 60 نەچچە پىرسەنتكە ئۆستى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك ئېشىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن تېز بولۇش، ئۆرلەش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن ئاستا بولۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى... شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدى.
بۇ بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا بەش يىل «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ جامائەت مالىيەسى ئومۇمىي چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشتى؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئۇدا بىر نەچچە يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر - بازارلاردا ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە قوش تىل مائارىپى تېز تەرەققىي قىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش دائىرىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە كېڭەيتىلدى؛ 3 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيى ۋە شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئۆيى سېلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى قاپلىدى؛ نامرات ئاھالە بەش يىلدا 1 مىليون 730 مىڭ كىشى ئازايدى...
سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ھازىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا بارلىققا كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، پەخىرلەنگەن ھالدا: بۇ بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىل، دېيەلەيمىز.
يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى
جاھاندا جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق. شىنجاڭدىكى ھەر بىر كىچىك ئۆزگىرىشنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
«تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز». ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى شەھەر، يېزىلارغا بارساق، بۇ سۆزنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى بايقايمىز.
بەش يىلدىن بۇيان ئىقتىساد ۋە مۇقىملىقتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زىددىيەت، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ئىگىلەپ، ئىجادچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئېكولوگىيەدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باشتىن - ئاخىرى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، «ئۈچ»نى زىيان تارتقۇزماسلىقتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چۈشىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۈرى ۋە چارىسى ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى پەسەيتتى. 200 مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدىغان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇلۇغۋار تەدبىرگە ئايلاندى؛ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، شىنجاڭ «تەستىقلىنىدىغان ئىش تۈرلىرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا» رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
«ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئاساسلىق تاكتىكا قىلدى. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىشتە قاتتىق بولغاندىن سىرت، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەشتىمۇ قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بەش ئاچقۇچتىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتىن ئىبارەت ئۈچ تەدبىرنى تەڭ تۇتۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.
زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم دەپ بىلىش، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش... قاتارلىق يېڭى ئىدىيە ۋە يانداشما تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتقا ئۇل سېلىش
كەلگۈسى بەش يىل − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «12 - بەش يىل»دا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى مۇقەررەر ھالدا «13 - بەش يىل»دا شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەل قىلغۇچ ئۇل سالدى.
ھەر قايسى ساھەدىكىلەر بۇ ھەقتە يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە.
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئارقا - ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ 13 - بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى ھەققىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. مەيلى كارخانىچىلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بولسۇن، ياكى ھەر قايسى ساھەدىكى كادىرلار بولسۇن، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭ دۇچ كېلىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يەنىلا مۇرەككەپ بولىدۇ، لېكىن ئۆتكەن بەش يىلدا تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقتىن، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلاشقىلى، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلىگىلى، ئاخىرىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرلەپ، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئېلىمىزدىكى داڭلىق پۇقراۋىي كارخانا شەرق «ئۈمىد» گۇرۇھى 2011 - يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭغا كىرىپ، «12 - بەش يىل»لىق مۇساپىنى شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە بېسىپ ئۆتتى. ھازىر بۇ گۇرۇھ شىنجاڭدا ئاساسلىقى ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىلەن بىللە، كۆمۈر ئېلېكتىر بىلەن ئاليومىننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئاليومىننى ئىنچىكە پىششىقلاش، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال ئايلانما كەسىپ زەنجىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.
شەرق «ئۈمىد» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۇڭشىڭ: «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە بىزنىڭ شىنجاڭغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىمىز 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، ھازىر ئاليومىن كەسپىدە ئومۇميۈزلۈك قىيىنچىلىق كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بايلىق، سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە قاراپ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئاليومىن كەسپىدىكى ئاساسلىق جەڭگاھقا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق»، دېدى.
شىنجاڭ «لۇڭبو» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى يەرلىك مىللىي سودا كارخانىسى بولۇپ، 2010 - يىلدىن بۇرۇن بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئەمما يېقىنقى بەش يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشى، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى تاشقى سودىسى يىلىغا %20تىن يۇقىرى سۈرئەتتە كېڭىيىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەنىۋەر ئەبەيدۇللانىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتقا تولۇق ئىشەنچسى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاز دېگەندە ئىككى تۈرنى يولغا قويۇپ،<چىقىرىش> ئىستراتېگىيىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز».
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇڭ جيەنخۇا: «بۇ بەش يىلدا شىنجاڭ مول تەرەققىيات تەجرىبىسى توپلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىدە ماھىيەتلىك ھالقىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن كۈچ توپلاپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، <13 - بەش يىل> مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا جەزمەن تېخىمۇ كۆپ مۆجىزە يارىتىمىز!» دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر