- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
50دىن ئارتۇق ئورگان كادىرلىرى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ، ھايات گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى
2015.12.02 14:51
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) مەنىۋى - مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەقدىم قىلىش، مېھر يەتكۈزۈش، ئۆز - ئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرلەشتەك «پىدائىيلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان، يېزا - بازار، باشقۇرۇش رايونىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئورگان كادىرلىرى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر قېتىملىق ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مېھر - شەپقەت يەتكۈزدى.
بۇ قېتىم قان تەقدىم قىلغان يولداشلارنىڭ ئارىسىدا، بۇرۇن كۆپ قېتىم قان تەقدىم قىلغان پىشقەدەم يولداشلار ھەمدە تۇنجى قېتىم قان تەقدىم قىلغان يولداشلار بار بولۇپ، ماتېرىيال تولدۇرۇش، قان تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن، كادىرلار قان بېرىشكە باشلىدى.
ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش بىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، بۇ قېتىمقى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرلار ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتكە شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان يۈكسەك روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ، مېھر - شەپقەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇردى. كونىلاردا «گۈل ھەدىيە قىلسا، قولىدا ئىپار ھىدى قالىدۇ» دېگەن گەپ بار بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى كادىرلارىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەنە نۇرغۇن ئامما ئۆزلىكىدىن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش قوشۇنىغا قاتنىشىپ، بەس - بەستە مېھر - شەپقەت يەتكۈزۈش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر