باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2015.12.01 16:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت بازىلىرىدىكى خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملىرى، يېزا، كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت بازىسى خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملاردىن بولۇپ 150 كىشى قاتناشتى.

  بەش كۈنلۈك كۇرس مەزگىلىدە كۇرسانتلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بالا تەربىيەسى، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت بازىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىدى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت بازىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بالىلار باغچىسى ۋە ‹‹خاۋستىن›› بالىلار ئائىلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مېھرىگۈل ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇيان، 8 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ‹‹بالىلار شادلىق ئائىلىسى›› قۇرۇشقا باشلىغان، نەتىجىدە ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹بالىلار شادلىق ئائىلىسى›› ۋە ‹‹مەھەللە بالىلار پائالىيەت مەركىزى›› قاتارلىق بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت مەركىزىدىن 116سى قۇرۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر