باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە بۇ يىل 744 نەپەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %75.23نى ئىگىلىدى

2015.12.01 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە قىلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىز كېسىلى خەۋپى ئېغىر ئۆلكە دەرىجىلىك رايوننىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن ئ10-ئايغىچە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان دوكلات قىلىنغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 744 نەپەر بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارى 334 نەپەر، دوكلات قىلىنغان ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلار 140 نەپەر ئىكەن.

  ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرىدا، كۆك قان تومۇر ئارقىلىق زەھەر چېكىش بىلەن تارقىلىش نىسبتى %23.75 بولغان، جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن (ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) يۇقۇش نىسبىتى %75.23 بولغان. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جىنسىي يول بىلەن تارقىلىش، بولۇپمۇ ئەرلەر ئارا مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بۇلار ئاساسلىقى ياشلار ئىكەن.

  2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىرغىچە ھايات تۇرۇۋاتقان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى جەمئىي 9069 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 2974 نەپەر ئىكەن، جەمئىي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىنغانلار 1748 نەپەر ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزدىن ساقلىنىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەيدىزدىن مۇداپىئە قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردە بەش ئەيدىزنى جەزملەشتۈرۈش تەجرىبىخانىسى، 49 ئەيدىز كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى (قىسىم، بىڭتۈەن سىستېمىسىدىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قۇرۇلغان. پۈتۈن شەھەر بويىچە كېسەلنى كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق-ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان سۇيۇقلۇقى مەركىزىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شەھەر، رايون (ناھىيە)، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمەت تورى شەكىللەنگەن، شەھەرلىك قان سۇيۇقلۇقى مەركىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنى ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشىنى بالدۇر بايقاشقا ئاساس سالدى.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10 دوختۇرخانا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  زەھەر چەككۈچىلەر، خۇپىيانە پاھىشىۋازلىق، جىنسىي كېسەل بىمارى، ئەرلەر ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار قاتارلىق يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا، شەھەر بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 21نى، ئۆز ئىختىيارى بويىچە مەسلىھەت سوراش نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئامبۇلاتورىيەسىدىن 44نى، مەھەللە دورا تەمىنلەپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسىدىن 8نى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇكۇل ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 27نى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا بولغان تېخنىكىلىق تايانچ بىلەن تەمىنلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر