خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 23–نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «ياشلىق باھارىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىقتا شىنجاڭدىكى تۇنجى 020 تور سودا سۇپىسى بولغان «بايرام» ئېلىكترونلۇق سودا شەھەرچىسى قۇرۇلدى.
ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ «بايرام» ئېلىكترونلۇق سودا چەكلىك شېركىتى جۇڭگو ئېلىكترونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترونلۇق سودا پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئېنىستىتۇتى ئېلىكترونلۇق سودا كەسپى مۇئەللىمى ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى يېتەكچىلىكىدە بۇ يىل يانۋاردا قۇرۇلغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئېلىكترونلۇق سودا بىلەن ئەنئەنىۋى سودىنى بىرلەشتۈرگەن، مىللىي يېزىقتا پۇل تۆلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، كۆپ خىل تىل – يېزىقتىكى تور سودا سۇپىسىنى بەرپا قىلغان كەسپىي ئېلىكترونلۇق سودا شېركىتى بولۇپ، نەچچە ئايلىق سىناقدىن كېيىن دۆلىتىمىزدە ئاز ساندىكى تور سودا سۇپىلىرى ئىشلىتەلەيدىغان 020 تور سودا سۇپىسى ۋە B2C+C2C+O2O بىرلەشكەن تور سودا ئەندىزىسى قوللىنىلغان «بايرام» تور سودا سۇپىسى 23 – نويابىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
شېركەت لېدىرى ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى ماڭا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە «ئېنترنېت +» زور تەرەققىياتقا ئېرىشمەكتە، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغان شىنجاڭ بۇ جەھەتتە زور پۇرسەتكە ئىگە بولدى. بىز قۇرغان بۇ تور سودا سۇپىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدە ھازىر 5000 خىلدىن، خەنزۇچە نەشرىدە 300 مىڭ خىلدىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار بار بولۇپ، بىز مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا مال يەتكۈزۈش ئورنىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8 سائەت ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدە 7 كۈنگىچە مالنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىبىنى قاندۇرماقچى.
مەنبە: خەلق تورى