باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمتىمىن ئابدۇللا: خەلق تۇرمۇشىغا سېلىنغان سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خەلقىگە بەخت يارىتىمىز

2015.11.24 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 17–نويابىر قارىقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللانى زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇ يېقىندا ئېچىلغان پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى روھى بىزنىڭ كېلەر يىللىق جۈملىدىن «13 – بەش يىل» دىكى خىزمەت نىشانىمىزنى بېكىتىپ بەردى. جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان تۇنقى قېتىم مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېچىلغان بىر ناھايىتى مۇھىم يىغىن بولدى. يىغىندا جەۇبىي شىنجاڭ خىزم،ىتىنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى پىكىر – تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال تۇتۇش قىلىپ مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق چوڭ تۈرلەردە تۈرلەرگە بىرقاتار پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتۇق، يىغىن روھى بىزگە زور ئىلھام بولدى. 2020 – يىلىغىچە پۈتكۈل ناھىيەنى نامراتلىقتىن قالپىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بولسۇن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن خوتەن قارىقاشنىڭ خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئويلاۋاتىدۇ، شۇڭا بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇشقۇنلۇق بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىمىز.

  مەمتىمىن ئابدۇللادىن ئىگىلىشىمچە، قارىقاش ناھىيەسى بۇ يىل مائارىپقا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىش، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قارىقاشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ھەققىدە پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ناھىيەدىكى 110 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرىدىكەن؛ ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلشتۇرۇشنى كۈچەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىش تاپقىلى بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشسىزلارغا ئىش تېپىپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كېلەر يىلىغا بارغاندا 2015 – يىلىغا قارىغاندا 1000 يۈەن ئاشۇرۇلىدىكەن؛ دېھقانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى داۋاملىق ھەل قىلىنىلىپ، ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاش تېزلىتىلىنىپ، مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنما كۆپەيتىلىدىكەن.

  ـــ 2015 – يىلى قارىقاش ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا سېلىنغان سوممىسى 3 مىليارت 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ پۇلدا 20 مىڭ 80 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىش قاتارلىق بىرقاتار خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرلىرى پۈتتى، بىز ئىككى يىغىن روھى بويىچە خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش تۈرلىرىگە كېلەر يىلى داۋاملىق تۈردە سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، بۇ سوممىنى 4 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، داۋاملىق تۈردە دېھقانلارغا 22 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالىمىز، يول ياسايمىز، تەبىئىي گازنى يەتكۈزۈشنى تېزلىتىمىز. پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قارىقاش خەلقىگە بەخت يارىتىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر