باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «10 يۇلتۇزلۇق مەدەنيەتلىك ئائىلە» لەرنى باھالاش پائالىيىتى ناھىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىىغا تۈرىتكە بولدى

2015.11.24 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز،بۇخەلچەم مىجىت خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەنىۋى مەدەنىيلىك كوممۇتېتى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن «10 يۇلتۇزلۇق مەدەنيەتلىك ئائىلە»لەرنى باھالاش پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بويان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئورگان، بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن، مەھەللە ئاھالىلار كوممۇتېتى، كەنىت ئاھالىلار كوممۇتېتى، كارخانا، كەسپى ئورۇن، ئاممىۋى تەشكىلاتلار باھالاش، مۇكاپاتلاش لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن ئاممىنى بۇ پائالىيەتكە بىۋاستە قاتنىشش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ناھيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈردى.«10 يۇلتۇزلۇق ئاھالە»لەرنى باھالاش پائالىيىتى بولسا «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش» مىخانىزىمىنىڭ تۇتقۇسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى ۋە شىنجاڭ روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىناقلىق بەرپا قىلشنىڭ ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى، تۈرلۈك خىزمەتلارنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى، ئىناق ئائىلە، بەخىت مەھەللىسى، گۈزەل يېزا قۇرۇشتىكى ئەلنەپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، «10 يۇلتۇز» ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىش يۇلتۇزى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش يۇلتۇزى، كوللىكتىپنى قىزغىن سۆيۈش يۇلتۇزى، پىلانلىق توغۇت يۇلتۇزى، تىرىشچانلىق بىلەن بېيىش يۇلتۇزى، ناچار ئۆرىپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش يۇلتۇزى، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش يۇلتۇزى، سەمىمى دوستانە بولۇش يۇلتۇزى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ،مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش يۇلتۇزى، مۇھىت تازىلىقى يۇلتۇزى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلىلەر ئۆز-ئۆزىنى باھالاش، ئەزالار دىمۇگىراتىك كۆرسىتىش، مەركەزلەشتۈرۈپ باھالاش، باھالاش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ ئېلان چىقىرىش، ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بىلەت تاشلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇچتۇرپان خەلقى ئۆز قەلبىدىكى «چولپان ئائىلە»لەرنى باھالاپ چىقىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت مۇۋاپىق خىراجەت ئاجىرتىپ، باھالاپ چىقىلغان مەدەنيەتلىك ئائىلىلەرگە ۋىۋسكا ئاسىدۇ ۋە ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئائىلىلەرنى قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، «ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش»، ئىناق، بەختىيار، گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىش، دوستانە ئۆتۈشكە يىتەكلەشتە ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 53 مىڭ ئائىلە ئىچىدىن 530 مەدەنيەتلىك ئائىلە تاللاپ چىقىلىدۇ. ھازىر ئۈندىدار سۇپىسىدا بىلەت تاشلاش جىددى ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر