- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلى شىنجاڭدا بىر ھەپتە ئىچىدە 824 مىليون يۈەن تارقىتىلدى
2015.11.24 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلى 12-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلدى. 22-نويابىر مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 19-نويابىرغىچە يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلى شىنجاڭدا جەمئىي 824 مىليون يۈەن تارقىتىلغان.
نۆۋەتتە، شىنجاڭغا قاراشلىق ھەر قايسى بانكىلارنىڭ نەق پۇل بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، 2015-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق بانكىلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەخمىنەن 15 مىڭ دانە پۇل تەكشۈرۈش ماشىنىسى، 700 دانە پۇل ئېلىش ۋە قويۇش ماشىنىسى ۋە 2000 دانە تۈرگە ئايرىش ماشىنىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 10 تىن يۇقىرى بولغان، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىنى پەرق ئېتىش ۋە باش ھەرپ نومۇرىنى خاتىرىلەشتە توسالغۇ كۆرۈلمەي، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ھالدا بانكىلارغا بېرىپ نەق پۇل كەسپىنى بېجىرىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
يېڭى خەلق پۇلىنى 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان قانۇنىي پۇل بولۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئالماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر