خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالاقە تورى+» ھازىرقى زاماندىكى كۆپ قوللىنىلدىغان مودا سۆزلۈك، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا تورى، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرى كارخانىلارنى پۈتۈنلەي يېڭى« ئالاقە تورى+» دەۋرىگە ئىلىپ كىردى. قانداق قىلغاندا «ئالاقە تورى»نىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپلىگەن شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ۋە ئويلىشىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندى. لېكىن شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت تىلى020 ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى« بايرام تورى»نىڭ رەسمىي ئېچىۋىتىلىشى « ئالاقە تورى+»دىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىشتۇر. بايرام تورى سودا سارىيىنىڭ ئۇيغۇرچە بىتىنى ئاچسىڭىز، ھەممىسى شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تاۋارلار بىلەن تولغان.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىنىشىچە، بايرام تورى سودا سارىيى« قوش 11» كۈنى گەرچە سىناق مەزگىلى بولسىمۇ، 1236 تالون قوبۇل قىلىپ، سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. بىر ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى مال سېتىۋېلىش تور بېكىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر مۆجىزە. بايرام تورى سودا سارىيىنى ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ بىر ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ بايرام ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى زور مەبلەغ سېلىپ ئامبار قۇردى، توشۇش خادىملىرىنى تەربىيىلىدى، « مالنى يىغىپ بىراق ئەۋەتىش»تەك ئەنئەنىۋى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى بىر-بىرلەپ ئايرىم توشۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتتى، 48 سائەت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ بايرام ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ ساپ سۇپا ئەندىزىسى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ئوبوروتى سىستېمىسىنى قۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى