21-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015 ~ 2016-يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ 2-باسقۇچىدا شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ شوۋگاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. گەرچە شىنجاڭ ۋوجياڭ كوماندىسىدىكى قىزلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، 74 كە قارشى 80 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ئىكەن.