- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئىككى يىغىن» روھى كۇچا خەلقىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى
2015.11.23 16:16 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن 25 نەپەردىن ئارتۇق ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات ئەترىتى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 20 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە 14 يېزا – بازار، تۆت مەھەللە ئىش باشقارمىسى ۋە بەش دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەيداندا ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تىل ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، «ئىككى يىغىن»دا ئوتتۇرغا قويۇلغان 2020 - يىلغا بارغاندا ئومۇمىي يۈزلىك ھاللق جەميئەت قۇرۇش، « 13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن 24 مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنى يىغن روھىدىن زور ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر