باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدا پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ

2015.11.18 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئوقۇشىچە، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، شىنجاڭدا يولۇچىلار پويىزىنىڭ يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويىلىدىكەن. شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئادەتتىكى تېز پويىزدىن بىر جۈپ، شىنجاڭ ئىچىگە قاتنايدىغان ئادەتتىكى تېز پويىزدىن بىر جۈپ، چاقماق پويىزدىن تۆت جۈپ كۆپەيتىلدىكەن، ھازىر قاتناۋاتقان چاقماق پويىزلارنىڭ قېتىم سانى ئۆزگەرمەيدىكەن، 60 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش ۋاقتى تەڭشىلىدىكەن، 24 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى توختايدىغان ۋوگزاللار ئۆزگىرىدىكەن، بىر قىسىم يولۇچىلار پويىزلىرى توختايدىغان ۋوگزاللار تەڭشىلىپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان، شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ ترانسىپورت ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت يولۇچىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر