- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى
نەق مەيدان ئومۇمىي سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى
2015.11.09 14:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 4 كۈن داۋاملاشقان 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، نەق مەيدان ئومۇمىي سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى، ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئادەم سانى تەخمىنەن 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكىسىدە « يىپەك يولى مەركىزىدىكى ئىجادچان شىنجاڭ » باش تېما قىلىنغان، شېنجېن، شاڭخەي ،شىزاڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن، شياڭگاڭ رايونىدىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن 200 دىن ئارتۇق كارخانا بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشقان، 580 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ، مەدەنىيەت كەسپى بازىسى، بەدىئىي ئەسەر، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك نامايەن قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر