- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى جاۋ گومىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2015.11.02 15:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جاۋ گومىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش - ئېچىشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى بېكىتىش، يۆلەش - ئېچىش قەرز پۇلىغا ياردەم ئۆسۈم بېرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قارارلارنى قەستەن چىقارغان. تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆستۈرۈپ ئىشلەتكەن. پاك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن ھەم پۇل - مال، سوۋغات پۇل قوبۇل قىلغان. خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مالىيەدىن ئاجراتقان پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، زىناخورلۇق قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پۇل - مال قوبۇل قىلىش مەسىلىسى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلىدۇ.
جاۋ گومىڭ پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە، ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ناچار، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق جاۋ گومىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر