باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شىنيۈ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2015.11.02 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شىنيۈنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جاۋ شىنيۈ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم خىزمەت فاڭجېنى، تەدبىرى ۋە قارارلىرىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، تەلەپلىرىگە قارشى سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلغان؛ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاخبارات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا خىلاپ قارارلارنى قەستەن چىقارغان؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردىكى سۆز - ھەرىكىتىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق، دەخلى قىلىپ، دەلىل - ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلار بىلەن گەپنى بىر قىلىۋالغان. پاك بولۇش تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مۈلكىنى بۇزۇپ چېچىپ ئىسراپ قىلغان؛ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنى تەڭشەش، پېنسىيەگە چىقىرىش، ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش ۋە كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن ھەم پۇل - مال قوبۇل قىلغان. خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، ئۆز ئورنىدىكى ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئورگانلارنىڭ «كىچىك خەزىنە» قۇرۇش قىلمىشلىرىنى توسمىغان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان؛ دۆلەت مالىيە مەبلىغىنى خامچوت بويىچە ئاجراتماي، خامچوت پۇلىنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پۇل - مال قوبۇل قىلىش مەسىلىسى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلىدىكەن.

  جاۋ شىنيۈ پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن غايە، ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتىرى ئىنتايىن ناچار، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق جاۋ شىنيۈگە پارتىيەدىن قوغلاش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر