باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

−−سانجى خۇيزۇ ئوبلاستىنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيىتى بويىچە ئۈلگىلىك ئوبلاست بەرپا قىلىش پائالىيىتى خاتىرىسى

2015.09.22 14:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋغۇست ئاخىرىلىرىنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، فۇكاڭ شەھىرى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى 4 - كوچا 12 - قورۇغا كىرگىنىمدە، ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئون نەچچە ياشانغان كىشىنىڭ بەزىلىرى پاراڭلىشىۋاتقان، بەزىلىرى قارتا ئويناۋاتقان خۇشال مەنزىرىنى كۆردۈم. 52 ياشلىق سانىخان بىر تەرەپتە ياشانغانلارغا چاي سۇنىۋاتاتتى، ئۇ مەھەللىدىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى دائىم ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى «ياشانغانلار كۇلۇبى»غا ئايلاندى.

  سانىخان ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ياشانغانلارغا كۆيۈنىدىغان ياخشى كېلىن. ئۇ پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن ئالتە يىل خەۋەر ئالدى. 2010 - يىل، كوچا باشقارمىسى سانىخان بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندە، سانىخان شۇ ھامان قوشۇلدى. ھازىر، سانىخاننىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ بولۇپ 36 ياشانغان كىشى تۇرىدۇ، سانىخاننىڭ كىچىك قورۇسىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە تاڭزۇڭزا ئوراپ، تۈگرە تۈگۈپ، ساڭزا سېلىپ، مېۋە يەپ، دۇتتار چېلىپ، مەشرەپ ئويناپ، ھەمىشە بىللە تۇرۇش جەريانىدا قانداشلىقتىن ھالقىغان قوشنىلار ئارا مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزمەكتە.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇنداق تەسىرلىك مەنزىرىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت مىساللار ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلماقتا. 2011 - يىلدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستى مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاستى ئىچىدە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيىتى بويىچە ئۈلگىلىك ئوبلاست بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن باشلاپ، كەڭ قانات يايدۇردى ھەم 2014 - يىلى تۇنجى بولۇپ «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيىتى بويىچە ئۈلگىلىك ئوبلاست» بولۇپ باھالىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئىناقلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى.«ھۆرقان تاغىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز»

  53 ياشلىق ھۆرقان كەمىلقان مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبىك يېزىسى ئاققاباق كەنتىدىكى داڭلىق كۆمۈش زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئۇستىسى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سېرىكبول ھۆرقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئاتىسى بىلەن ئائىلىدە كۆمۈش زىننەت بۇيۇملىرى ياساش - سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار ئۆيىدە زاكاز قوبۇل قىلغاندىن باشقا، ئاتا - بالا ئىككىسى نەچچە كۈندە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئەتراپتىكى بازارلارغا بېرىپ كۆمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىپ، يىلىغا 60، 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتى.

  سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئوبلاستتىن مورى ناھىيەسىگە ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۇ خۇيلىن مۇنداق دېدى: «مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىدە تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، ئۇلارغا 60 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكان سېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، شۇنداق بولغاندا ئاتا - بالا ئىككىسى زېھنىنى قويۇپ زىننەت بۇيۇملىرى ياسىيالايدۇ» .ھۆرقان كەمىلقان 2012 - يىلى بۆرەك ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، قەرەلىدە تەكشۈرۈتۈش ۋە دورا ھەققى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىق روھى كىشىلەرنى بەك تەسىرلەندۈردى، «كەنتتە ھۆرقان تاغىغا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار تۇرۇپمۇ بەخت ئۈچۈن تىرىشىدىغان كىشىلەر كۆپ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكىلەر ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كېرەك».

  شۇ خۇيلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېك مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى قۇرۇلۇشى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، كېلەر يىلى مايدا رەسمىي تىجارەت باشلىنىدىكەن. بۇ تۈرنى سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى «جىرۇيشياڭ»گۇرۇھىنى كىرگۈزۈپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، باغچا رايونىغا مىللىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش باغچىسى، سەنئەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمە باغچىسى، سودا، يېمەك - ئىچمەك كوچىسى، ئاۋۇل سەيلىگاھى مەھەللىسى، ئاپتوموبىل دالا لاگېرى ئورنى قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن 1000 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ نوقۇل چارۋىچىلىقنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت گۇرۇپپىسى 3 مىليون 800 مىىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، سۇ تۇرۇبىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، دانەنگۇ ئاھالىسى ۋە چارۋىچىلارنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ 1 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن مەبلەغ غەملەپ، گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق بازارلاردىكى غول يوللارنى كېڭەيتىپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ۋە يېزا، كەنت سەھنىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى جەريانىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 1 - ۋە 2 - تۈركۈمدە 4500 كادىرنى ئوبلاستتىكى كەنت ۋە مەھەللىلەرگە ئەۋەتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار «ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تەرەققىيات يولى تېپىشىنى كۆزلەپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تېپىشىغا ياردەم بەردى.

  سانجى خۇيزۇ ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان يېزا - بازار، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقاتتى، دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغىدىن باشقا، ئوبلاستنىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى 2011 - يىلدىن باشلاپ يىلىغا 40 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يىلىغا %10 نىسبەت بويىچە ئاشۇردى، ئوبلاستتىكىلەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، 11 ئاز سانلىق مىللەت يېزىسىدىكى كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغان 33 كەنتكە ياردەم بەردى. 2014 - يىلى، بۇ 33 كەنتتىكى ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  «ئالتۇنخان» ۋە «مېھرىبان ئانىلار»

  بۇ يىل 5 - ئايدا، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرى نىڭجۇخۇ كەنتىدىكى توققۇز ياشلىق زەرگۈل ئوڭ يوتا سۆڭىكى سوزۇلما يىلىك ياللۇغى، ئوڭ يوتا سۆڭىكى ئۈزۈلۈش پاتولوگىيىلىك سۇنۇق كېلىسىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى. 3 - قېتىمقى ئوپېراتسىيەگە كېتىدىغان 60 مىڭ يۈەننى غەملەشكە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئامالسىز قالدى. 75 ياشلىق ۋاڭ گۇيجېن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «ئالتۇنخان» مېھرى - شەپقەت كۈچ ئۇلاش مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ 5000 يۈەن ئىئانە پۇلىنى زەرگۈلگە ئاپىرىپ بەردى.

  قۇتۇبى بازىرى قوشكۆۋرۈك مەھەللىسى ئىتتىپاق كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ گۇيجېن بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى چېن خاۋدې ئادەتتە ناھايىتى ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياشايدۇ، لېكىن، ئۇلار قوشنىلىرىغا ناھايىتى سېخىي. ئۇلارنىڭ قوشنىسى نىيازخاننىڭ ئېرى بۇرۇنلا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆزى يالغۇز يەتتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان، كېيىن پالەچ بولۇپ قېلىپ، ئېغىر كۈنگە قالغان، ۋاڭ گۇيجېن سەككىز يىلدىن بۇيان كۈندە دېگۈدەك نىيازخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ، ئۇن - ياغلىرىنى ئەكىلىپ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىۋاتىدۇ. ۋاڭ گۇيجېن بىلەن يولدىشى يازدا نىيازخاننىڭ قورۇسىدىكى يېرىنى ئاغدۇرۇش، كۆكتات تېرىش، سۇغۇرۇش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كەلمەكتە. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ۋاڭ گۇيجېن بىلەن نىيازخان ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. نىيازخان ۋاڭ گۇيجېنغا مۇنداق دېدى: «مەن ئاغرىپ قالغان ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، سىز ئۆز توغقىنىمدەك ماڭا ياخشى قاراپ كەلدىڭىز، سىز مېنىڭ قەلبىمدىكى <ئالتۇنخان>».

  قوش كۆۋرۈك مەھەللىسى «ئالتۇنخان» دېگەن بۇ نامنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت پىدائىيلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئالتۇنخان» مېھرى - شەپقەت كۈچ ئۇلاش مۇلازىمەت ئەترىتىنى قۇردى، ھازىر بۇ پائالىيەتكە بىۋاسىتە قاتناشقانلار 44 كىشىگە يەتتى. ۋاڭ گۇيجېن توپلانغان ئىئانە پۇلنى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ھېساب دەپتىرى تۇتتى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ گۇيجېن ۋە «ئالتۇنخان» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 100دىن ئارتۇق قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، مېيىپلەر، ئاتا - ئانىسى سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەتكەن بالىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھالىدىن خالىس خەۋەر ئېلىپ كەلمەكتە.

  بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن مەريەمخان پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئۇ كېسەلچان، خەنزۇچنى ئانچە بىلمەيدۇ. ۋاڭ گۈيجېن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ياشانغان، كېسەلچان، ئاجىزلارغا خالىس ياردەم قىلىپ كەلدى، مەريەمخان ھاياجانلانغان ھالدا: « ئالتۇنخاندەك ياخشى كىشىلەر 100 ياشقىچە ياشىشى كېرەك»، دېدى.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى ۋۇماچاڭ قازاق يېزىسى ئاغاچقۇلاق كەنتىدىكى 35 ياشلىق دانىيا دۈشەنباينىڭ قەلبىمۇ مېھرى - مۇھەببەت بىلەن تولغان. ئۇ خەنزۇ بالا ۋاڭ كېجېغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، نامرات كەنت ئاھالىسى ئالتاي مۇسانىڭ كېسەلجان ئوغلىنى داۋالىتىشىغا 40 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلىدى. 2011 - يىلى دانيانىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى بىلەن، ئاغاچقۇلاق كەنتىدە دانىيا باشچىلىقىدىكى يەتتە ئانىدىن تەشكىللەنگەن «مېھرىبان ئانا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەتىرىتى» قۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا مەخسۇس ياردەم بەردى. مۇلازىمەت ئەتىرىتىدە ھازىر 53 «مېھرىبان ئانا» بولۇپ، ئۇلار 25 نامرات ئائىلە پەرزەنتى، ئۈچ مېيىپ ۋە بىر قىسىم يېتىم - يېسىرلارنى نىشانلىق بېقىۋاتىدۇ.

  دانىيا كۆپلىگەن قازاق ئاياللارنىڭ ئائىلىدە بىكار يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، دانىيا قازاقچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىشىشىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 50 نەچچە كىشىنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلدى. كېيىن، «مېھرىبان ئانا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» يەنە يەرلىكتىكى 100دىن كۆپرەك قازاق ئايالغا ئىش تېپىپ بەردى. دانىيا: « مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە ئىش - ھەرىكىتىم ئارقىلىق، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىشلارنى قىلىپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەللىككە تولدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، دانىيا ۋە ۋاڭ گۈيجېنغا ئوخشاش كىشىلەر كۆپ، ئۇلار مېھرى - مۇھەببەت بېغىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل، شۇنداقلا سانجى ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغانلىقىنىڭ مول نەتىجىسى. سانجى ئوبلاستى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى بازىسىدىن 20نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 40نى بەرپا قىلىپ، ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغان، ھەممەيلەن تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تەدىرىجىي شەكىللەندۈردى.

  گۈل تېخىمۇ جۇلالانسۇن، «خۇائېر» ساداسى تېخىمۇ ياڭرىسۇن«يۇرتىمىز <خۇئېر> ماكانى، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد بۇ يەردە ياشاپ كەلمەكتە...»، سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرىدىكى خۇيزۇلارنىڭ «خۇئېر» ناخشىسى ۋارىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ما چېڭ «ئانامنىڭ پىيالىسى» ناملىق ناخشىنى «خۇائېر» ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتىپ، يۇرتىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. كەنت ئاھالىسى ما شياۋچىن 2008 - يىلىدىن باشلاپ ما چېڭغا ئەگىشىپ «خۇائېر» ناخشىسى ئۆگەندى، ھازىر ئۇ 50تىن كۆپرەك ناخشىنى ئېيتالايدۇ، ئۇ يەنە بۇ ناخشىلارنى باشقىلارغىمۇ ئۆگەتتى. مەيلى خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر بولسۇن، ئۇنىڭدىن «خۇائېر» ناخشىسى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ «خۇائېر» ناخشىسى ئۆگەندى.سانجى ليۇئەرگۇڭ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 2008 - يىلدىن باشلاپ «خۇائېر» ناخشسىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلنى دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا قىلدى. بۇلاردىن باشقا، مەكتەپتە يەنە «خۇائېر» خور ئۆمىكى، مۇزىكا ئۆمىكى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا «خۇائېر» ناخشىسى ئېيتىشنى، «خۇائېر» ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىشنى، «خۇائېر» ناخشىسىنىڭ ئۇسسۇلىنى ئويناشنى ئۆگەتتى.

  قۇتۇبى ناھىيەسىدە، شىنجاڭ مۇزىكا مەدەنىيەت بايرىمى تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار سانجى ئوبلاستىدىن شەنشى، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 20 نەچچە ناھىيە، شەھەرگە كېڭەيدى. قۇتۇبى ناھىيەسى شىنجاڭ مۇزىكىسىنى ناھىيە مەدەنىيىنىڭ داڭلىق ماركىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن شىنجاڭ مۇزىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى، ناھىيەلىك سەنئەتچىلەر ئۆزى تۈزۈپ، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان «ئالتۇنخان» ناملىق شىنجاڭنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى ئاساس قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا ئورۇندىلىپ، شىنجاڭدا ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇننىڭ چوڭ تىپتىكى ئوپېرا ئىجاد قىلىشىدا باشلامچى بولدى؛ شىنجاڭ ناخشا مەكتىپى بۇ دەرسلىكىنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالىنى تەھرىرلەپ تۈگىتىپ، مەكتەپنىڭ شىنجاڭنىڭ ناخشا ماتېرىيالى ساھەسىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى؛ 2014 - يىلى قۇتۇبى ناھىيەسى مەخسۇس سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، «يۈز يىللىق ناخشا - يىپەك يولىغا سەپەر» ناملىق مەخسۇس فىلىمنى سۈرەتكە ئالدى، بۇ جەرياندا ئۇلار شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 19 ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، نەچچە 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى.

  سانجى ئوبلاستى ھازىر ئۆز رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان يۈرۈشلۈك كىتابلارنى تۈزۈپ، يەرلىكنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىگە ماس كېلىدىغان مۇزىي، مىللىي ئۆرپ - ئادەت سارىيى سېلىپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇردى، خۇشاللىققا چۆمدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر