باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنى يېپىلدى

2015.09.22 11:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنى 21 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى» ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ «يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى» دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئىككى قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزاملاردا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك تەدبىر، مەسئۇلىيەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھازىرقى مۇھىم نۇقتا «13 - بەش يىل»لىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئالاقىدار زۆرۈر نىزام چىقىرىش تۈرلىرىنى يىرىك پىلانغا ھەقىقىي كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت. رايون بار شەھەرلەرگە نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى، مۇھىم ساھەلەرگە نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ھازىر قۇربان ھېيت، دۆلەت بايرىمى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئائىت پائالىيەتلەر كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى مۇھىم خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت - ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىللىق خىزمەت، ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر