باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپ ماھىرلىرى يەنە ئۈچ كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى

2015.09.17 14:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ چېڭدۇدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى. مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئو ت م گە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 16 – سېنتەبىر يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى. بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپ ماھىرلىرى ئۈچ كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  16 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ 54/F53 دەرىجىلىكلەر نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داڭلىق ماھىرى، قارامايلىق چېن لىپىڭ .95 12 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ F60 دەرىجىلىكلەر نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرى يۈ شىرۈي 39.13 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن يەنە بىر داڭلىق ماھىرىمىز ليۇ مىڭ ئاياللارنىڭ 57/F56 دەرىجىلىكلەر چويۇن توپ ئېتىش مۇسابىقىسىدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق ماھىرلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، 7.51 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى. خېنەنلىك ماھىر جاۋرۈيخۇا 8.89 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى. ليۇ مىڭ 14 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇشۇ دەرىجىلىكلەرنىڭ دىسكا ئېتىش مۇسابىقىسىدە بىر مىس مېدالغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە ئو ت م تۈرلىرىدە ئاياللارنىڭ 44/T43 دەرىجىلىكلەر بويىچە 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرى شيې شاۋئەي بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر