- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر
2015.09.11 16:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
1955-يىلى 1-ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. شىنجاڭدا 47 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 يەرلىك مىللەت بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئېتىبار بېرىلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.7 كە يەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 14 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، 427 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 920 مىليارد يۈەنگە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12258 يۈەندىن 22160 يۈەنگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3883 يۈەندىن 8296 يۈەنگە ئۆستى، كۆپ ساندىكى كۆرسەتكۈچلەر بەش يىل ئاۋۋالقىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن پائال ئوزۇق ئالدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلار ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى 13 يەرلىك مىللەت 10 خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز تىللىرىدا پىروگرامما ۋە گېزىت تارقىتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك مائارىپتا دېگۈدەك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، رۇس تىللىرىدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان. زامانىۋىلىشىشقا يۈرۈش قىلىش يولىدا، شىنجاڭ مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرما شەكىلدە ئىچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتكە قەتئىي ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قېزىپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر