باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش مەدەنىيىتى پات ئارىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ

2015.09.09 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئۇيغۇرچە ئۈنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرنى قىسقا فىلىم شەكلىدە سۈرەتكە ئالدى.

  ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەينى زامان ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئەل ئارا پائالىيەتلەردە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،يوپۇرغا ناھىيەسى خەلقىنىڭ چېلىشىشقا ماھىر، مەدەنىيەتكە ھېرىسمەن خەلق بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ،بۇ تۈرنى 2011-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزدى.يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش مەدەنىيتى ۋە بۇ تۈرگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى سۈرەتكە ئېلىش نەقمەيدانى بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچىق يېزىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاچچىق يېزا يار بويى كەنتىدىكى ناغرىچىلار ئەترىتى ئورۇنلىغان «مول ھوسۇل تەنتەنىسى»دېگەن شادىيانە ناغرا مۇزىكىسى نەقمەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا 2013-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى،دېگەن نامغا ئېرىشىكەن بۇ ناھىيەنىڭ سىيەك يېزا قومۇشئېرىق كەنتىدىكى ئۈچىنچى ئەۋلات چېلىشىش ماھىرى مېھمان ھەمرا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى،تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرىگە ۋارىسلىق قىلىش ھايات مۇساپىسىنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىپ،يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش ماكانى،دەپ ئاتىلىش جەريانى ۋە ئۇيغۇرچە چېلىشىش تۈرىنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىز مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ فىلىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پات ئارىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئارقىلىق ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر