تەڭرىتاغ تۆمۈر مۇزلۇقى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «جۇڭگونىڭ2015-يىللىق ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى ئەڭ گۈزەل جاي تىزىملىكى»تارقىتىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى 15 ئورۇن شەرەپ بىلەن بۇ تىزىملىككە كىرگەن. بۇ جايلار: قاغىلىق چېگرىسىدىكى چۆگىر چوققىسى، قاناس كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكى رايونى، قۇربان تاڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكى رايونى، ئەڭ گۈزەل ئۈچ چوڭ يارداڭلىق ئورقا، قۇمتاغ، تەڭرىتاغ كۇچا چوڭ جىلغىسى، تەڭرىتاغ تۆمۈر مۇزلۇقى، تېرەم كەڭرى مۇزلۇقى، تەڭرىتاغ شەمشادى، بۈگۈر توغراقلىقى، بايىنبۇلاق يايلىقى، قاناس تۇۋالار كەنتى، ئېلى يايلىقىدىن ئىبارەت.
ئىگىلىنىشىچە، «2015-يىللىق جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلار تېزىملىكى» ساياھەتچىلىكتىكى «ئوسكار»دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، «3-نۆۋەتلىك ساياھەتچىلىك كەسپى ۋە يېڭىلىق يارىتىش (جۇڭگو يەنبيەن) مۇنبىرى»دا ئېلان قىلىندى.
تاللاپ باھالاشقا يېرىم يىل كەتكەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باھالاش، توردا ئاشكارىلاش، مۇتەخەسسىسلەر پىركىز بېرىش، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈش، تاراتقۇلار نازارەت قىلىش قاتارلىق ھالقىلار سېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن، «2015-يىللىق جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلار تېزىملىكى»دىكى 100 ساياھەت نۇقتىسى جايلاشقان شەھەر ۋە مەنزىرە رايونى باھالاپ چىقىلدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى